خوڭكوڭدا مەدەنىيەت ئىنقىلابى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-01-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


خىتاي ھۆكۈمىتى تۇنجى قېتىم مەدەنىيەت ئىنقىلابى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىشنى رۇخسەت قىلغان بولۇپ، مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىنى خوڭكوڭ خىتاي ئەدەبىياتى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي تەتقىقات خىزمەت مەركىزى بىلەن ھازىرقى زامان خىتاي مەدەنىيىتى تەتقىقات مەركىزى بىرلىشىپ تەشكىللىگەن.

مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ 50 يىللىقىغا بېغىشلانغان مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا خىتاي ۋە چەتئەللەرنىڭ مەخسۇس مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەسىلىلىرى ئۈستىدە تەتقىقات قىلىۋاتقان مۇتەخخەسىلىرى قاتنىشىپ، 160 تىن ئارتۇق كىشى مۇھاكىمىنى ئاڭلىغان.

يىغىندا يەنە خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇتەخەسىسلىرىمۇ دوكلات بەرگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋرىدە ئىلگىرى سۈرىلىشىچە، يېقىنقى ۋاقىتلاردا خىتايدا مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەسىلىلىرى ھەققىدە ئاشكارا يوسۇندا مۇھاكىمە پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈش ئاساسىي جەھەتتىن چەكلىمىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ھەتتا بىر قانچە مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرى ھەققىدە تەتقىقات قىلىۋاتقان خىتاي مۇتەخەسسىسى چەتئەلدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ھەقتىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنغا قاتنىشىش سەپىرىدىن توختىتىپ قويۇلۇش ۋەقەلىرىمۇ سادىر بولغان ئىكەن. بۇ قېتىم، چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ ئىدارىسى ئاستىدىكى خوڭكوڭدا مەدەنىيەت ئىنقىلابى ھەققىدە مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىن ئېچىشقا رۇخسەت قىلىش بىر تۇنجى ئىش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ كەلتۈرگەن زىيانلىرى ۋە خاتاسى خىتايدا ئىلگىرى كۆپ تەكىتلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىنقىلابنى قوزغىغان خىتاي كومپارتىيە رەھبەرلىرى ماۋ زېدوڭ، جۇ ئېنلەي ۋە باشقىلارغا قايتا باھا بېرىش ھەم ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشىدىكى ۋە زىيانلىرىدىكى رولى، ئورنى ۋە باشقا كۆپلىگەن مەسىلىلەردە ئەركىن پىكىر يۈرگۈزۈشكە ئىزچىل چەك قويۇلۇپ كېلىنگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت