خوڭكوڭلىقلار ئالاھىدە رايون باشلىقىنىڭ سۆزىگە نارازى بولدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2014-10-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


خوڭكوڭ دېموكراتىك ئۆكتىچىلىرى بىلەن خوڭكوڭ ئالاھىدە رايون باشلىقى لياڭ جېنيىڭ ئارىسىدىكى سۆھبەت مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىپ، لياڭ جېنيىڭ ئۆكتىچىلەرنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان ھەمدە مەزكۇر قارشىلىق ھەرىكىتىنى «كونتروللۇقتىن چىقىپ كەتكەن» ھەرىكەت دەپ ئەيىبلىگەنلىكى ئۈچۈن قاتتىق تەنقىدكە دۇچ كەلدى.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لياڭ جېنيىڭ خوڭكوڭ سىمسىز تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ كونترولدىن چىقىپ كەتكەنلىكى ھەمدە ئۇزۇن داۋاملىشالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە بېيجىڭنىڭ ئەسلى قارارىدىن يانمايدىغانلىقى ۋە ئۆزىنىڭمۇ ئۆكتىچىلەرنىڭ ئىستىپاھ بېرىش تەلىپى بويىچە ئىستىپاھ بەرمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خوڭكوڭ ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى لياڭ جېنيىڭنى تەنقىد قىلغان.

خوڭ كوڭ ئاممىۋى - ئاخبارات ساھەسىگە ئائىت تۆت ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، لياڭ جېنيىڭغا بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى، تىنچلىق بىلەن ئىگىلەش ھەرىكىتى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، لياڭ جېنيىڭنىڭ «ئىگىلەش ھەرىكىتى كونتروللۇقتىن چىقىپ كەتكەن ئاممىۋى ھەرىكەت»دېگەن سۆزىنى تەنقىد قىلىپ، ئۇنىڭ قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى يوق شەھەر ئاھالىلىرىغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، ئۇنى ئىستىپاھ بېرىشكە قايتا چاقىرغان ۋە ئۇنىڭ ئاشكارا ھالدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىشنى، پەقەتلا بىر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنى تاللاپ، ئۇنىڭغا سۆز قىلىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت