بېيجىڭغا ماڭغان خوڭكوڭ دېموكراتىيە نامايىشى رەھەرلىرى ئايروپورتتا توسۇپ قىلىندى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2014-11-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


ئۆز دەۋاسىنى بېيجىڭغا بېرىپ قىلىش ئۈچۈن يولغا چىققان ئۈچ نەپەر خوڭكوڭ دېموكراتىيە نامايىشى رەھبىرى شەنبە كۈنى خوڭكوڭ ئايروپورتىدا توسۇپ قىلىندى.

شەنبە كۈنى ئوقۇغۇچىلار رەھبىرى ئالېكس چۇ، ناسان لاۋ ۋە ئېسون چۇڭ قاتارلىقلار خىتاينىڭ باش مىنىستىرى لى كېچياڭ بىلەن كۆرۈشۈپ خوڭكوڭلۇقلارنىڭ دېموكراتىيە ئارزۇسىنى يەتكۈزمەكچى بولغان.

ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ بېيجىڭغا قاراپ ئۇچىدىغان ئايروپىلانغا چىقىشىغا يول قويۇلمىغان.

مەزكۇر يولۇچىلار ئايروپىلانى «كاتاي تىنچ ئوكيان ھاۋا يوللىرى شىركىتى» گە تەۋە بولۇپ، ھاۋاي يوللىرى خادىملىرى بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتايغا كىرىشى رۇخسەتنامىسىنى بىكار قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ ئۇلارنى ئايروپىلانغا چىققىلى قويمىغان.

ئوقۇغۇچىلار رەھبىرى ئالېكس چۇ مۇنداق دېگەن: خىتايدەك بىر چوڭ دۆلەتنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەركىزىي ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، سۆھبەت ئۆتكۈزۈشتىن نېمانچە قورقىدىغانلىقىنى قەتئىي چۈشىنەلمىدىم.

مەزكۇر ئوقۇغۇچىلار رەھبەرلىرى ئالدىنقى ھەپتە لى كېچياڭغا ئوچۇق خەت يوللاپ، دېموكراتىيەنىڭ يالغۇز خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئارزۇسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى پۈتۈن خىتاي خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خوڭكوڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆتكەن بىر نەچچە ھەپتىدىن بۇيان 2017 - يىللىق رايون باشلىقى سايلىمىنى دېموكراتىك ئۇسۇلدا ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزۈۋاتقان ئىدى. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلارنىڭ تەلەپلىرىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت