خوڭكۇڭدىكى پۇقرالار بىلەن ساقچىلار توقۇنۇشىدا 124 ئادەم يارىلىنىپ، 61 ئادەم تۇتقۇن قىلىندى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016-02-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


خىتاينىڭ چاغان بايرىمىدا يەنى 8 - فېۋرال كېچىدىن 9 - فېۋرالغىچە خوڭكۇڭ جيۇلۇڭ رايونىدا ساقچىلار بىلەن پۇقرالار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 124 ئادەم يارىلىنىپ، 61 ئادەم ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىندى. خەلقئارا تاراتقۇلاردا بۇ ۋەقە، 2014 - يىلى خوڭكۇڭدا يۈز بەرگەن كۈنلۈك ئىنقىلابىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ توقۇنۇش دەپ تەرىپلەندى.

مەلۇم بولۇشىچە، خوڭكۇڭ دائىرىلىرىنىڭ كوچىلاردىكى رۇخسەتنامىسى يوق يايمىكەشكەشلەرنى تازىلاش ھەرىكىتىگە بولغان نارازىلىق ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولغان. 8 - فېۋرال كۈنى خوڭكوڭدىكى يەرلىك تەشكىلاتلار توردا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئاممىنى دائىرىلەرنىڭ چەكلىمىسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈشكە چاقىرغان. چاغان كېچىسى يايمىچىلارنى تازىلاشقا كەلگەن بازار باشقۇرۇش خادىملىرى بىلەن يايمىچىلار ئارىسىدا سۈركۈلۈش يۈز بەرگەندىن كېيىن، ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن نامايىشچىلارمۇ جىدەلگە ئارىلاشقان.8 - فېۋرال كېچىسى باشلانغان جىدەل 9 - فېۋال سەھەردە ساقچىلار بىلەن ئامما ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشقا ئايلانغان. نامايىشچىلار ساقچىلارغا خىش، كېسەكلەرنى ئاتقان، نۇرغۇن جايلارغا ئوت قويۇۋەتكەن. ساقچىلار ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ۋە كالتەك ئىشلەتكەن. بىر ساقچىنىڭ ئاسمانغا ئوق چىقىرىشى بىلەن توقۇنۇش تېخىمۇ كۈچىيىپ سەھەرگىچە داۋاملاشقان. توقۇنۇش سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئاپتوبۇسلار لىنىيەلىرىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولغان.

خوڭكوڭنىڭ خىتايغا مايىل باش مەمۇرى لياڭ جېنيىڭ سەيشەنبە ئەتتىگەن ئېچىلغان مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا بۇ ۋەقەنى «ئالدىن پىلانلانغان زوراۋانلىق ۋەقەسى» دەپ ئاتىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت