خوڭكوڭلۇقلار ۋۇكەن كەنتىدىكى پۇقرالارنى قوللاش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016-09-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇكەن كەنتىدىكى پۇقرالارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يەر ھوقۇقى ۋە پۇقرالىق ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان داۋاملاشتۇرىۋاتقان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ساقچىلار تەرىپىدىن تىنجىتىلىشى جەريانىدا توقۇنۇش كېلىپ چىقىش ۋە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئىدى.

بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ۋۇكەن كەنتىگە ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن كەلگەن بىر قىسىم مۇخبىرلارنىڭ، جۈملىدىن خوڭكوڭلۇق مۇخبىرلارنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىش ۋە ئۇرۇلۇش ئەھۋالى سادىر بولغانلىقىغا ئائىت ئۇچۇرلارمۇ ئوتتۇرىغا چىقتى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دائىرىلەر مۇخبىرلارنىڭ ۋۇكەن ۋەقەسىگە ئائىت ئۇچۇر تارقىتىشىنى كونترول قىلىشتىن سىرت يەنە ۋۇكەن ۋەقەسى ھەققىدە تور ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىشنىمۇ قامال قىلغان. شېنجېندا تۇرۇشلۇق تورداش ۋۇ بىن تاشقى دۇنيانىڭ ۋۇكەن ۋەقەسىگە ئائىت خەۋەرلىرىنى كۆچۈرۈپ تارقاتقانلىقى ئۈچۈن «ئۆسەك سۆز تارقاتتى» دېگەن ئەيىبلەش بىلەن تۇتۇپ تۇرۇش جازاسىغا ئۇچرىغان.

رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، ئۇنىڭ ئايالى، ھوقۇق قوغدىغۇچىسى خۇاڭ مېيجۇئەننىمۇ چەتئەل مەتبۇئاتىنىڭ ۋۇكەن ۋەقەسىگە ئائىت خەۋىرىنى تارقاتقانلىقى ئۈچۈن «ئۆزەك سۆز تارقاتتى» دېگەن ئەيىبلەش بىلەن 10 كۈنلۈك تۇتۇپ تۇرۇش جازاسىغا ئۇچرىغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ يېزىشىچە، بۇ بىر قاتار ۋەقەلەردىن كېيىن، شەنبە كۈنى كەچتە خوڭكوڭدا يۈزدىن ئارتۇق ئادەم خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدىكى ئىش باشقۇرۇش ئورگىنى ئالدىغان توپلىنىپ، شام يېقىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ۋۇكەن كەنتى ئاھالىسىغا بولغان قوللىشى ۋە ساقچىلارنىڭ خوڭكوڭلۇق مۇخبىرلارغا قىلغان زوراۋاقانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت