خوڭكوڭدا بىر مىليون ئادەم نامايىش قىلىپ، «قاچقۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇنى» غا قارشى چىقتى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-06-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بىر مىليوندىن ئارتۇق خوڭكوڭ پۇقراسى 9‏-ئىيۇن كۈنى نامايىش قىلىپ، خوڭكوڭ مەمۇرىي دائىرىلىرىنىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىغا «قاچقۇن ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇن لايىھىسى» گە قارشى چىقتى. مەزكۇر قانۇن لايىھىسى خوڭكوڭدىكى ئۆكتىچى پارتىيە-گۇرۇھلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچراپ كەلگەن. ئۇلار مەزكۇر قانۇن لايىھىسى خوڭكوڭنىڭ ئەدلىيە مۇستەقىللىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەنىدى. يەكشەنبە كۈنكى نامايىشنى «پۇقرالار كىشىلىك ھوقۇق فرونتى» ناملىق ئاممىۋى گۇرۇھ تەشكىللىگەن بولۇپ، مەزكۇر گۇرۇھ نامايىشقا 1 مىليون 300 مىڭ كىشىنىڭ قاتناشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئامېرىكا CNN تېلېۋىزىيىسى تورىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ نامايىش خوڭكوڭ 1997‏-يىلى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەندىن بېرى پارتلىغان ئەڭ زور كۆلەملىك نامايىش ئىكەن. خەۋەردە، ساقچى تەرەپنىڭ نامايىشقا 240 مىڭدەك ئادەم قاتناشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى ئېيتىلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا نوپۇسى 7 مىليون 480 مىڭ كىشىلىك بۇ شەھەردىكى ھەر 7 كىشىنىڭ بىرى قاتناشقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قەيت قىلىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى 1955‏-يىلى «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» قۇرۇلغاندا ئۇيغۇرلارغا بەرگەندەك 1997‏-يىلى خوڭكوڭنى ئۆتكۈزۈۋالغاندا خوڭكوڭلۇقلارغا بەرگەن ئۇنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق ھەققىدىكى ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلمىغان. كۆزەتكۈچىلەر، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلمايلا قالماي، ئۇنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىشى مىليون كىشىلىك بۇ نامايىشنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. 

9‏-ئىيۇن كۈنى خوڭكوڭدىكى ۋىكتورىيە باغچىسىغا توپلانغان نامايىشچىلار خوڭكوڭ پارلامېنت بىناسىغا قاراپ يۈرۈش قىلىپ، «قاچقۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇنى» نىڭ بىكار قىلىنىشى، خوڭكوڭ ۋالىيسى «كەرىي لىننىڭ ئىستېپا بېرىشى» نى تەلەپ قىلغان. 

CNN نىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، نامايىش جەريانىدا ئاز دېگەندە 7 كىشى تۇتقۇن قىلىنغان. مەزكۇر نامايىش ئۇيغۇر رايونىدا 2 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمانلار تۇتقۇن قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادى چەكلەنگەن، بۇ، غەرب ئەللىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچراپ، زور «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى» ئايلانغان بىر مەزگىلدە پارتلاپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانىڭ خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان «قاچقۇنلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇن لايىھىسى» گە دىققەت قىلىۋاتقانلىقى ۋە كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. باياناتتا: «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم داۋاملىق خورىتىشقا ئۇچراپ، بۇ، خوڭكوڭنىڭ ئۇزۇن يىللار مابەينىدە تىكلەنگەن خەلقئارا ئىشلاردىكى ئورنىنى زىيانغا ئۇچراتماقتا» دېيىلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت