«ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىدا پائالىيەتچىلەر ئاپتونومىيە ھەققىدە توختالدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017-08-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتايدىكى ھەر دەرىجىلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرى «ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن موڭغۇللارنىڭ ئۆتكەن 70 يىلدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە قانداق زور «شانلىق تەرەققىيات» لارغا ئېرىشكەنلىكى ھەققىدە دەبدەبىلىك خەۋەرلەرنى بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەمما مۇھاجىرەتتىكى موڭغۇل سىياسىي پائالىيەتچىلەر بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ تەشۋىقاتلىرىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرىسنىڭ موڭغۇل سىياسىي پائالىيەتچىلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ئەينى ۋاقىتتا گەرچە ئىچكى موڭغۇل رايونىغا ئاپتونومىيە ھەققىدە ۋەدىلەر بېرىلگەن بولسىمۇ، نۆۋەتتە بۇ يەر قاتتىق كونتروللۇق، قورقۇنچ ۋە ئەنسىزلىك قاپلىغان بىر ماكانغا ئايلانغان. رايوننىڭ كۆمۈر بايلىقى كۆپلەپ قېزىلغان، موڭغۇللارنىڭ نوپۇسى ھازىر رايوندىكى 24 مىليون نوپۇسنىڭ بەشتىن بىرىنىمۇ ئىگىلىيەلمىگەن، موڭغۇل تىلى يوقىلىشقا يۈز تۇتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي كوممۇنىستلىرى 1947- قۇرغان ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ئىزچىل ھالدا خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىدە باشقا «ئاپتونوم رايون» لىرىنىڭ ئۈلگىسى، دەپ قارىلىپ كەلگەن ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت