ئىچكى موڭغۇلنىڭ توڭلياۋ شەھىرىدىكى توقۇنۇشتا 16 موڭغۇل چارۋىچى تۇتقۇن قىلىندى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2014-12-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


30 - نويابىر يەكشەنبە كۈنى ئىچكى موڭغۇلنىڭ توڭلياۋ شەھىرىدە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ يايلاق ئىگىلىشىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن موڭغۇل چارۋىچىلىرى بىلەن باستۇرۇشقا كەلگەن خىتاي ساقچىلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، كۆپ ئادەم يارىلاندى، 16 نەپەر موڭغۇل چارۋىچى تۇتقۇن قىلىندى.

نيۇيوركتىكى جەنۇبىي موڭغۇلىيە ئۇچۇر مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 30 - نويابىر يەكشەنبە كۈنى ئىچكى موڭغۇلنىڭ توڭلياۋ شەھىرىگە قاراشلىق داسۇنى چارۋىچىلىق مەيدانىدا قۇرۇلۇۋاتقان قۇياش ئېنىرگىيىسى ئېلىكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، يول توسۇپ نامايىش قىلغان موڭغۇل چارۋىچىلىرى، دائىرىلەر ئەۋەتكەن 100 نەچچە ئالاھىدە ساقچى تەرىپىدىن ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلغان. ۋەقەدىن كېيىن ساقچىلار يەنە نامايىش باشلامچىلىرىدىن 16 نەپەر موڭغۇل چارۋىچىنى تۇتقۇن قىلغان. توقۇنۇشتا ئېغىر يارىلانغان 4 نەپەر چارۋىچى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان.

جەنۇبىي موڭغۇلىيە ئۇچۇر مەركىزىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، يېقىنقى بىرنەچچە ئايدىن بۇيان ئىچكى موڭغۇلدىكى يايلاقلارنىڭ خىتاي شىركەتلىرى تەرىپىدىن «دۆلەت پىلانى» نامىدا ئىگىلىۋېلىنىشىغا قارشىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكەتلىرى 30 نەچچە قېتىم يۈز بەرگەن. بۇ جەرياندا تۇتقۇن قىلىنغان موڭغۇل چارۋىچىلىرى 300 دىن ئاشقان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت