شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت شەھىرىدە باشلاندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016-06-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا رۇسىيە، خىتاي، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ يىغىنى پەيشەنبە كۈنى ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت شەھىرىدە باشلاندى. بۇ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ 16-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى. خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ سەيشەنبە كۈنى تاشكەنتكە يېتىپ كەلگەن.

2 كۈنلۈك يىغىندا بىخەتەرلىك، تېررورلۇق مەسىلىسى، ئافغانىستان ۋەزىيىتى، پاكىستان، ھىندىستان، ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئەزالىققا قوبۇل قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

ئۆزبېكىستان مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەنىۋەر ناسىروف، بۇ يىغىندا ش ھ ت نىڭ 2016‏ ۋە 2020‏-يىللىق ھەرىكەت پىلانى ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىنى، ھەرىكەت پىلانى سىياسىي، ئىقتىسادى، بىخەتەرلىك، مەدەنىيەت ئىشلىرىدىكى كونكرېت ھەرىكەت مىزانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ش ھ ت خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشىغا، ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلىك ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا ئىزچىل زىچ ماسلىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.

ھالبۇكى، خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ رۇسىيە‏-ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتچىسى لى جىنفېڭ «خىتاي خەۋەرلەر» گېزىتىگە بەرگەن بايانىدا، ش ھ ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بۆلگۈنچىلىك، تېررورلۇق ۋە دىنىي رادىكاللىقنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «بۇ يىغىن بۇ تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇشنى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىشى كېرەك» دېگەن.

بۇ يىغىندا 2017-يىلى ھىندىستان بىلەن پاكىستاننى ئەزالىققا قوبۇل قىلىش قارارغا باغلىنىشى مۇمكىن. ئەمما پەيشەنبە كۈنى رۇسىيەنىڭ ئىراننىڭ ئەزالىقىنى قارارغا باغلاش تەكلىپى خىتاينىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت