كانادالىق ئىككى ئادۋوكات ئاۋسترالىيە پارلامېنتىغا خىتايدىكى ئادەم ئورگانلىرى ئەتكەسچىلىكى ھەققىدە شىكايەت قىلغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016-11-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كانادالىق ئىككى نەپەر ئادۋوكات ئاۋسترالىيە پارلامېنتىغا شىكايەت سۇنۇپ، خىتاي تۈرمىلىرىدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى يۆتكەپ سېتىش قىلمىشىغا قارشى بىر تەكلىپ لايىھىسىنى تەستىقلاشنى تەلەپ قىلغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئادۋوكاتلارنىڭ بىرى كانادانىڭ سابىق تەپتىشى ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان مەسىلىلىرى بويىچە دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى داۋىد كىلگور، يەنە بىرى كانادادىكى داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىدىن داۋىد ماتاس ئىكەن.

ئۇلار ئاۋسترالىيە پارلامېنتىغا سۇنغان شىكايىتىدە خىتاينىڭ يىلىغا 60 مىڭدىن 100 مىڭغا قەدەر مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىنى يۆتكەپ ساتىدىغانلىقى ھەققىدە دەلىل-ئىسپات كۆرسىتەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر ئىككى ئادۋوكات يەنە خىتاي يۆتكەپ سېتىۋاتقان ئادەم ئورگانلىرىنىڭ تۈرمىدىكى فالۇنگوڭ مۇرىتلىرى، ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرى، تىبەت راھىبلىرى ۋە خىتاي خرىستىئان مۇرىتلىرىنىڭ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

سىدنېيدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى بۇ ھەقتە ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان. ھالبۇكى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ يىل ئىيۇندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە خىتايدىكى ئادەم ئورگانلىرى ئەتكەسچىلىكى ھەققىدە دوكلات سۇنغاندا خىتاي تەرەپ بۇنى «ئاساسسىز ئەيىبلەش» دەپ رەت قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت