دائىرىلەرنىڭ مائارىپ ۋە ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلارغا قاراتقان «تازىلاش» ھەرىكىتى يەنىمۇ كۈچەيگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-02-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


ئالدىنقى كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان نەزەربەنتكە ئېلىنغان شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇرازاق سايىمغا دېلو تۇرغۇزۇلۇپ، تەپتىش ئورۇنلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا ئابدۇرازاق سايىمنىڭ «سىياسىي ئىنتىزامغا قاتتىق خىلاپلىق قىلغانلىقى ۋە چىرىكلەشكەنلىكى» تىلغا ئېلىنغان.

ئىلگىرى مائارىپ نازارىتىدە رەھبەرلىك خىزمىتىدە بولغان ئابدۇرازاق سايىم بۇنىڭدىن بىرقانچە ھەپتە ئىلگىرى جازالانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن سابىق مائارىپ نازىرى ساتتار داۋۇتتىن كېيىنكى «تازىلاش» قا ئۇچرىغان يەنە بىر يوقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر ئەمەلدار ئىكەن.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ۋە خەلق ئارىسىدا تارقالغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۆتكەن يىلى كۈزدىن بۇيان مائارىپ ۋە ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە خىزمەت قىلىدىغان كۆرنەكلىك ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن بىرقانچىسىنىڭ نەزەربەنتكە ئېلىنغانلىقى مەلۇم. بەزى مەنبەلەر ئۇلارنىڭ «دەرسلىك مەسىلىسى» گە چېتىلىپ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى بۇ ھەقتە ھېچقانداق خەۋەر بەرمىدى.

كۆزەتكۈچىلەر، ئۆتكەن يىلىنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر تور يازغۇچىلىرى بىلەن تور بەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى، ئارقىدىنلا مائارىپ ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان مەلۇم تەسىرگە ئىگە ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ نەزەربەنتكە ئېلىنىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا ئىدېئولوگىيە ساھەسى بويىچە يەنە بىر مەيدان «تازىلاش» ھەرىكىتى قوزغاشقا باشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، دەپ ھېسابلىماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت