جەنۇبىي كورېيە شىمال بىلەن ھەربىي توقۇنۇش ئېھتىماللىقى يۈكسەلگەنلىكىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017-05-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

جەنۇبىي كورېيە پرېزىدېنتى مۇن جەيئىن، شىمالىي كورېيە يەكشەنبە كۈنى يەنە بىر رەت يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ھەربىي توقۇنۇش ئېھتىماللىقىنىڭ يۈكسەلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇ سۆزىدە، شىمالنىڭ ئاتوم بومبا قابىلىيىتىنىڭ يۈكسەلگەنلىكىنىڭ بايقالغانلىقىنى، ئەمما جەنۇبىي كورېيەنىڭ شىمالدىن كېلىدىغان ھەرقانداق بىر ھۇجۇمغا قارىتا ھازىر ۋە قادىر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكا بولسا، شىمالىي كورېيە بىلەن سۆھبەتنى خالايدىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار يادرو سىنىقىنى پۈتۈنلەي توختىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

شىمالىي كورېيەنىڭ يەكشەنبە كۈنى سىناق قىلىپ ئاتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى رۇسىيەگە يېقىن دېڭىز تەۋەلىكىگە ئۇلاشقان؛ مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭ ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىغا ئۇلاشقۇدەك قۇدرەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئامېرىكانىڭ ب د ت دىكى ئەلچىسى نىكىي ھەلىي سەيشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا شىمالىي كورېيەنى قوللاۋاتقان دۆلەتلەرنى ئۆزىنى بىلىۋېلىشقا چاقىردى، ئۇنداق بولمىغاندا قوللىغۇچىلارنىڭ جازادىن چەتتە قالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. نىكىي يەنە سۆزىدە، خىتاينىڭ شىمالىي كورېيەنى تىزگىنلەشتە ئەمدى كۈچەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رويتىرىسنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، خىتاينىڭ كورېيە ئارىلىدىكى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش ۋە تىنچ چارە تېپىش ئۈچۈن بارلىق كۈچى بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كورېيە ئۇرۇشى 1953-يىلى ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، شىمال بىلەن جەنۇب ئوتتۇرىسىدا ھازىرغىچە تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈلگەن ئەمەس.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت