«ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ ئىككى نەپەر مۇخبىرى ساقچىخانىغا ئاپىرىلغان

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-08-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

13-ئاۋغۇست كۈنى كەچقۇرۇن خىتاي دائىرىلىرى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنەن شەھىرىدە «ئامېرىكا ئاۋازى» رادىئوسى خىتاي بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرلىرىنى تۇتقۇن قىلغان ۋە ساقچى ئىدارىسىگە ئېلىپ كەتكەن.

مەزكۇر رادىئونىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، دۈشەنبە كۈنى (13-ئاۋغۇست) «ئامېرىكا ئاۋازى» خىتاي بۆلۈمىنىڭ فېڭ يىبىڭ ۋە ئاللېن ئەي ئىسىملىك ئىككى خىتاي مۇخبىرى جىنەن شەھىرىدە دەم ئېلىشتىكى خىتاي پروفېسسور سۇن ۋېنگۇاڭنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن ساقچىلار ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسقان ۋە ساقچى ئىدارىسىگە ئېلىپ كەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 84 ياشقا كىرگەن سۇن ۋېنگۇاڭ بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى «ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىۋاتقاندا تۇتۇپ كېتىلگەن ئىكەن. ئۇ بۇ قېتىم مۇخبىرلارغا ئۆزىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بەرگەن. ئەمما مۇخبىرلار زىيارەتنى ئاخىرلاشتۇرۇشىغا بۇ قېتىمقى مۇخبىرلارنى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.

ۋەقەدىن كېيىن «ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ دىرېكتورى ئاماندا خانىم بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، «ئىككى مۇخبىرىمىزنى خىزمەت قىلىۋاتقاندا تۇتقۇن قىلىش پەقەتلا قاملاشمىغان بىر ئىش. باشقىلارنى زىيارەت قىلىش دېگەن مۇخبىرنىڭ قىلىدىغان ئىشى» دېگەن ھەمدە ئۇلارنى تېزدىن قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتە نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلىپ مۇخبىرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىدىن بەكمۇ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. باياناتتا «بىز خىتاينىڭ بارغانسېرى يامانلىشىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. سۆز ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكى ئەڭ ئەقەللىي ئىنسان ھەقلىرىدىندۇر» دېگەن. دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن كرىستروفېر سىمىت بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «ئىككى مۇخبىرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى خىتاينىڭ ئەڭ تۆۋەن مەتبۇئات ئەركىنلىكى ئۆلچىمىگىمۇ چۈشمەيدۇ،» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مۇخبىرلار تۇتقۇن قىلىنىشتىن ئىلگىرى پروفېسسور سۇن ۋېنگۇاڭ ئۇلارغا «خىتايدا مەتبۇئات ئەركىنلىكى مەۋجۇت ئەمەس. خىتاينىڭ مۇخبىرلىرى ئامېرىكىدا خالىغانچە خىزمەت قىلالايدۇ، ئەمما نېمە ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ مۇخبىرلىرى خىتايدا ئۇنداق قىلالمايدۇ؟» دېگەن.

خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، 14-ئاۋغۇست كۈنى تاڭ سەھەردە مەزكۇر ئىككى مۇخبىر قويۇپ بېرىلگەن. ئەمما ئۇلارنىڭ تېلېفونلىرى ئىشلىمەس بولۇپ قالغان، ساقچىلار ئۇلارنىڭ بارلىق ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلىرىنى تەكشۈرۈپ، بارلىق مەزمۇنلارنى چۈشۈرۈۋالغان. ئامېرىكىدىكى ئىنسان ھەقلىرى ئادۋوكاتى تېڭ بياۋ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بۇ ھال خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى مەتبۇئات ساھەسىنىلا ئەمەس، يەنە چەتئەللەردىكى مەتبۇئات ساھەسىنىڭمۇ پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت