خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا ئاتالمىش «مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇش» توغرىلىق 2 چوڭ پىلاننى ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020-06-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 24-ئىيۇن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا «2035-يىلىغىچە مائارىپىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش» ۋە «مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلەشتۈرۈش پىلانى» قاتارلىق ئىككى پىلاننى ئېلان قىلغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، 2035-يىلىغىچە بۇ پىلانى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇش پىلانلانغان ئىكەن.

خەۋەردە 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئۇيغۇر رايونىدا باشلانغۇچ مەكتەپتىن بۇرۇنقى بالىلار مائارىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئومۇمىي نىسبىتىنىڭ 97. 51 پىرسەنتكە يەتكەنلىكى ئالاھىدە تىلغا ئىلىنغان.

خەۋەردە يەنە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدىكى يەسلى مائارىپى ئۈچۈن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن 140 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتى 97 پىرسەنتتىن كۆپرەك ئومۇملاشتۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدىكى يەسلى مائارىپىدا ئاتا-ئانىلىرى لاگېرلارغا قامالغان نەچچە يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر يېتىم بالىلىرىنىڭ «خىتايچە مائارىپتا تەربىيەلىنىۋاتقانلىقى»، ئۇلارنىڭ «مىللىي كىملىكى» ۋە «دىنىي كىملىكى» دىن يىراقلاشتۇرۇلىۋاتكانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» 17-مارت مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، ئېتىقادى ۋە كىملىكىنى يوق قېلىش ئۈچۈن «ياتاقلىق مەكتەپ» لەرنى كۆپەيتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت