ئەل سالۋادورغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىككى ئۇيغۇر باشقا دۆلەتكە كەتكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013-09-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا مەسئۇل دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2012-يىلى گۋەنتانامودىن قويۇپ بېرىلىپ ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى ئەل-سالۋادورغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىككى ئۇيغۇر ئەل سالۋادوردىن ئايرىلىپ باشقا بىر دۆلەتكە كەتكەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ گۋەنتانامونى تاقاش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارلىرىنىڭ باياناتچىسى ئىيان موس پەيشەنبە كۈنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ئۇچۇر بېرىپ، ئەخمەت مەمەت ۋە ئابدۇللا رازاقنىڭ ئەل-سالۋادوردىن ئايرىلىپ باشقا دۆلەتكە كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بىراق ئۇ، ئەخمەت مەمەت ۋە ئابدۇللا رازاقنىڭ نېمە ئۈچۈن باشقا دۆلەتكە كېتىشنى تاللىغانلىقى ھەققىدە توختىلىشنى رەت قىلغان.

ئەخمەت مەمەت بىلەن ئابدۇللا رازاق گۇەنتانامودا 10 يىلدەك تۇتۇپ تۇرۇلۇپ، 2012‏-يىلى 4‏-ئايدا ئەل سالۋادورغا تارقاقلاشتۇرۇلغان ئىدى. بۇ ئىككىيلەن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تېررورلۇق بىلەن ئالاقىسى يوق، دەپ قارىلىپ، قويۇپ بېرىلگەن 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ بىر قىسمى.

ئۇلاردىن 6 كىشى 2009‏-يىلى تىنچ ئوكياندىكى پالاۋغا ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، بىراق ئۆتكەن يىلى 2‏-ئايدا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرى ئىسىملىك بىرى باشقا دۆلەتكە كەتكەن. خەۋەرلەردە، نۇرىنىڭ تۈركىيەگە كەتكەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پالاۋ، ئەل-سالۋادور قاتارلىق تۇرمۇش، مەدەنىيەت جەھەتلەردىن ئۇيغۇرلارغا بىر قەدەر يات ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت