ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتى ئۇنىڭ ئادىل سوتلىنىدىغانلىقىدىن ئۈمىدۋار ئەمەس

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014-02-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىي، مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتى لى فاڭپىڭ ئۈرۈمچىدىن رويتېرس ئاگېنتلىقىغا ئۇچۇر بېرىپ، ئىلھام توختىنىڭ ئادىل سوتلىنىشىدىن بەك ئۈمىدۋار ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنىپ ئىككى ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، سەيشەنبە كۈنى ئۇنىڭ ئايالىغا ئىلھامنىڭ رەسمىي قولغا ئېلىنغانلىقى ۋە بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

لى فاڭپىڭ چارشەنبە كۈنى رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا «بىز ساقلايمىز ۋە ئۇنىڭ سوتىنىڭ ئادىل بولۇش-بولماسلىقىغا قارايمىز. بىراق بىز بەك ئۈمىدۋار تۇيغۇدا ئەمەس»، دېگەن.

لى فاڭپىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر ئىلھام توختىنى ئادۋوكاتى بىلەن تېخى كۆرۈشتۈرمىگەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى سەيشەنبە كۈنى ئۇنىڭ ئايالىغا ئەۋەتكەن ئۇقتۇرۇشىدا، ئىلھام توختىنىڭ ئۈرۈمچى يېڭى شەھەر رايونىدىكى ج خ نازارىتىگە قاراشلىق بىر تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا قامالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

لى فاڭپىڭ يەنە، ئىلھام توختىنىڭ ئىسمى سوت مەھكىمىسى تور بېتىنىڭ جامائەت پىكرى تاختىسىدا چەكلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. لى فاڭپىڭنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئىلھام توختى ھېچقانداق بۆلگۈنچىلىك پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانمىغان. بىراق، دائىرىلەر ئۇنىڭغا ئىنتايىن ئېغىر جىنايەتلەرنى ئارتقان. ئۇ، ئەگەر سوت ئىلھام توختىنى گۇناھكار، دەپ تونىسا، ئۇنىڭغا 10 يىلدىن مۇددەتسىزگىچە قاماق جازاسى بېرىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

ئىلھام توختى ئۆزىنىڭ ھەرقانداق «بۆلگۈنچىلىك»، «تېررورلۇق» تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى ئىنكار قىلغان. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىنى قوغدىغاندىن باشقا، ھېچقانداق قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۆزىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش جەريانىدا ئېلىنغان ھەرقانداق ئىقرارى قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت