ئامېرىكا ئىلھام توختىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014-02-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىنى قولغا ئېلىپ، رەسمىي ئەيىبلەشنى قارار قىلغانلىقىغا ئىنكاس بىلدۈردى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جېين ساكى، بىز خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىقتىساد پروفېسسورى ئىلھام توختىنى ئائىلىسى ۋە ئادۋوكاتى بىلەن كۆرۈشتۈرمەي بىر ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت تۇتۇپ تۇرۇپ، رەسمىي قولغا ئېلىشنى قارار قىلغانلىق خەۋەرلىرىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلدۇق، دەپ كۆرسەتتى. بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختى مەسىلىسىگە تۇنجى قېتىم ئىنكاس بىلدۈرۈشى ئەمەس.

ئۇ، ئىلھام توختى 15‏-يانۋار خىتاي ئامانلىق دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن بىر قېتىم بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇنى قويۇپ بېرىشكە، ئۆكتىچى پىكىرلەرگە يول قويۇشقا چاقىرغان ئىدى. جېين ساكى چارشەنبە كۈنى يەنە، بىز خىتاي دائىرىلىرىنى ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىپ، ئۇنى قوغداشقا، ئۇنىڭ ئىپادە ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىلىرىدىكى خىتاي ئۈستىگە ئالغان ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرىمىز، دېدى.

خىتاي دائىرىلىرى سەيشەنبە كۈنى ئىلھام توختىنىڭ ئائىلىسىگە ئۇنىڭ «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. بىراق ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتى لى فاڭپىڭ، ئۇنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى رەت قىلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت