ئامېرىكا باش ئەلچىسى گەرىي لوك ئىلھام توختى ئۈچۈن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2014-02-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گەرىي لوك يېقىندا قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختىنىڭ ئاقىۋىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، پەيشەنبە كۈنى قىلغان سۆزىدە ئىلھام توختى ھەققىدە توختىلىپ «ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن سۆزلىگەن دوتسېنت ئىلھام توختى ئۈچۈن بەك ئەندىشىلەنمەكتە» دېگەن.

ئۇ سۆزىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىنچ يول بىلەن ھەق ئۈچۈن سۆزلەۋاتقان كىشىلەرنى قولغا ئېلىشى بىزنى قاتتىق ئويلاندۇردى. خىتايدا ئىقتىساد تېز تەرەققىي قىلىپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلانماقتا. ئەمما ئىنسان ھوقۇقى پەقەتلا ئىقتىسادىي پاراۋانلىق دېگەن گەپ ئەمەس. ئۇ شۇنداقلا پىكىر قىلىش، سۆزلەش، يىغىلىش قىلىش، ھەر كىم ئۆز دىنىي پائالىيەتلىرى بىلەن ئەركىن ھالدا شۇغۇللىنىش دېگەندەك ئۇنىۋېرسال ھوقۇقلارنىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىش دېگەنلىكتۇر، دەپ ئەسكەرتكەن.

باش ئەلچى گەرىي لوك 1-مارت كۈنى ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، خىتايدىن ئايرىلىدۇ. ئۇ يۇقىرىدىكى سۆزلەرنى پەيشەنبە كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان. مۇخبىرلار ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن خىتايدىكى بايلارنىڭ ئامېرىكىغا ئوخشاش غەرب ئەللىرىگە قېچىش ئەھۋالىنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى سورىغاندا، ئۇ بۇنىڭغا جاۋابەن «بۇ ئەھۋال دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنىڭ ۋە ئەدلىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ» دېگەن. ئۇ چارشەنبە كۈنى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش ئالدىدا قىلغان ئاخىرقى مەخسۇس نۇتقىدىمۇ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىد قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت