كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئىلھام توختىنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014-02-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىي ئىلھام توختىغا قارىتىلغان بارلىق ئەيىبلەشنى بىكار قىلىپ، ئۇنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى دوكتور سوفىيە رىچاردسون، ئىلھام توختىنىڭ پۈتۈنلەي سىياسىي مەقسەت بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇ دەرھال قويۇپ بېرىلىشى كېرەك. ئۇ تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلغاندا، ئۇنىڭ تەن جازاسى ۋە قوپال مۇئامىلىگە ئۇچراش خەۋپى زور، دەپ كۆرسەتتى.

ئىلھام توختى بۇ يىل 15‏- فېۋرال بېيجىڭدا تۇتقۇن قىلىنىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ تارماقلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ تارماقلىرى يېقىندا ئۇنىڭ «دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى گۇمانى تۇغدۇرغان» لىقىنى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بىراق ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتى لى فاڭپىڭ ئۇنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى رەت قىلغان ئىدى.

دوكتور رىچاردسون، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىلھام توختىنى بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىنى تەنقىد قىلدى.

ئۇ، ئىلھام توختىغا قارىتىلغان ئەيىبلەش بېيجىڭنىڭ بۆلگۈنچىلىككە بەرگەن ئىزاھاتىنىڭ ئىنتايىن مۈجمەللىكىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ ئەسكەرتىپ، بولۇپمۇ سىياسىي ھەق-ھوقۇق ياكى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشنى تىنچ مۇنازىرە قىلىشقا يول قويۇلمايدىغان بىر دۆلەتتە، تىنچ تەنقىدچىلەرنى قولغا ئېلىش بارغانچە قۇتراتقۇلۇققا ئىگە تاكتىكا بولۇپ قېلىۋاتىدۇ، دېدى.

دائىرىلەر ھازىرغا قەدەر ئىلھام توختىنى ئادۋوكاتى بىلەن كۆرۈشتۈرمىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت