گۈزەلنۇر خانىم 3-ئاي مەزگىلىدە تۈرمىدىكى ئىلھام توختىنى يوقلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016-02-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دۆلەتنى پارچىلاش ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى ئارتىلىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر، رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ يىل 3-ئاي مەزگىلىدە تۈرمىدىكى ئىلھام توختىنى يوقلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

28-فېۋرال رادىئومىز گۇاڭدۇڭ بۆلۈمىنىڭ خوڭكوڭدىكى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان گۈزەلنۇر خانىم، 2014-يىلى 23-سېنتەبىر ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئېرى ئىلھام توختىنى ھەر ئۈچ ئايدا بىر قېتىم يوقلاشقا رۇخسەت قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما بۇلتۇر 7-ئايغا كەلگەندە ئاندىن ئۆزىنىڭ بالىلىرى بىلەن بىر قېتىم يوقلىيالىغانلىقىنى، بۇلتۇر 10-ئايدا ئىلھام توختىنىڭ ئاكىسى ۋە ئاپىسىنىڭ تۈرمىگە بېرىپ ئۇنى يوقلاش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۆتكەن ھەپتە رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىم، خىتاينىڭ چاغان مەزگىلىدە ئىلھام توختىنى يوقلىماقچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما سالامەتلىكى ياخشى بولمىغانلىقى ۋە ئېيجىڭدا بالىلىرىنى بېقىش، ئوقۇتۇشتا كۆپ قىينىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئېرىنى يوقلاشقا ئىمكانى بولمىغانلىقىنى، ئەمما ئىلھام توختىنىڭ ئاتۇشتىكى 2-ئاكىسى ئۇنى يوقلاش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە بارغان بولسىمۇ، ئەمما ئىلھام توختى بىلەن كۆرۈشەلمىگەنلىكى قاتارلىقلارنى بىلدۈرگەن ۋە بۇ ئەھۋاللار ئىنكاس قوزغىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت