ئامېرىكا خىتاينى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014-07-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۈرۈمچى تەپتىش مەھكىمىسى ئىلھام توختىنى «دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەندىن كېيىن، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىلھام توختىنى دەرھال قويۇپ بېرىشكىچە چاقىردى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى چارشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىي ئىلھام توختى توغرۇلۇق تەييارلانغان ئەيىبنامىنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىگە سۇنغان. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تەپتىش دائىرىلىرى ئەيىبنامىدە ئىلھام توختىنى رەسمىي بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شۇ كۈنى ئىلھام توختىنىڭ ئەيىبلەنگەنلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيە ھارف، بىز خىتاي دائىرىلىرىنى ئىلھام توختى ۋە باشقا 6 ئوقۇغۇچىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز، دېدى.

ئىلھام توختى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، سۆز ئەركىنلىكى، خىتاي قانۇنىدىكى ھەر خىل ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداپ، خىتاي ئامانلىق ئورگانلىرىنىڭ كۆزىتىش نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى.

ئۇ، ئىلگىرى ئۇيغۇر قارشىلىق ھەرىكىتىنى خىتاينىڭ قاتتىق قول سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مارالبېشى سېرىقبۇيا، تيەنئەنمېن ئاپتوموبىل ھۇجۇمى قاتارلىق ۋەقەلەرنىڭ تېررورلۇق ئىكەنلىكى گۇمانلىق، دەپ كۆرسەتكەن.

ئىلھام توختى بۇ يىل 15‏-يانىۋار تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى.

ئىلھام توختىنىڭ ئائىلىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەپتىش دائىرىلىرى ئەيىبنامىدە يەنە، ئىلھام توختىنى «زوراۋانلىق ۋە مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىگەن. ئىلھام توختىنىڭ قولغا ئېلىنىشى غەرب ئەللىرى، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت