جەۋھەر ئىلھام: «دادامغا بېرىلگەن ساخاروف مۇكاپاتى ئۇيغۇرلار بۈگۈن تارتىۋاتقان زۇلۇملارنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشىدۇر»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-10-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

24-ئۆكتەبىر كۈنى ياۋروپا پارلامېنتى تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا 2019-يىللىق «ساخاروف پىكىر ئەركىنلىكى مۇكاپاتى» بېرىلگەنلىكىنى جاكارلىدى.

مۇكاپات پارلامېنت باشلىقى داۋىد ساسسولى تەرىپىدىن ئېلان قىلىندى. ساسسولى ئۆز ھاياتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈچۈن ئاتىغان ئىلھام توختىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 2014-يىلى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئىپادە قىلىپ: «بىز بۇ مۇكاپات ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىلھام توختىنى قويۇۋېتىشكە ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا كۈچلۈك رەۋىشتە چاقىرىمىز،» دېدى.

ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھام بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە دادىسىغا بېرىلگەن بۇ مۇكاپاتتىن ئىپتىخارلانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «بۇ پەقەتلا مېنىڭ دادام ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچۈن زور بىر نەتىجە. بۇ ھەم ئۇيغۇرلار بۈگۈن تارتىۋاتقان زۇلۇملارنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشىدۇر،» دېدى.

جەۋھەر ئىلھام يەنە بۇ مۇكاپاتنىڭ يەنىمۇ كۆپ دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىنى ئۇيغۇرلار بۈگۈن ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارغا قارىتا ئاۋاز چىقىرىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قارارىنى قىزغىن قارشى ئالدى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن كۈچ چىقارغان شەخس ۋە ئورگانلارغا تەشەككۈرىنى بىلدۈردى.

ئىلھام توختى بۇ يىل سېنتەبىر ئېيىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «ۋاسلاۋ خاۋېل ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن ئىدى. ئۇنىڭ بىر ئايدىن كېيىنلا يەنە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەڭ ئالىي مۇكاپاتى بولغان «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشىشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى خۇرسەن قىلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت