ئىلھام توختى يېڭى يىل تەبرىكنامىسىدە ئۇيغۇر سىياسىي ۋە ۋىجدان مەھبۇسلىرىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013-12-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۆكتىچى زىيالىي ئىلھام توختى ئەپەندى 25‏-دېكابىر ئۈندىدار ئارقىلىق يېڭى يىل تەبرىكنامىسى ئېلان قىلىپ، «ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرى» غا، دىنىي سەۋەبلىك، مىللىي كىملىك ۋە ئەركىن پىكىر قىلىش سەۋەبلىك جازاغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلدى.

ئۇ باياناتىدا مۇنداق دېگەن: سىياسىي سەۋەبتىن تۈرمىگە سولانغان ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا، ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىغا يېڭى يىللىق سالام يوللايمەن. دىنىي سەۋەبلىك، مىللىي كىملىك ۋە ئەركىن پىكىر بايان قىلىش سەۋەبلىك جازالانغان قېرىنداشلىرىمنىڭ بۇرۇنراق ئەركىنلىككە ئېرىشىشىنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىمەن.

ئىلھام توختى ھەر يېلى يېڭى يىل، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى ياكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى»گە ئوخشاش زور تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ خاتىرە كۈنى ھارپىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇرلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى توختىتىشقا، ئۇلارنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىپ كەلگەن. ئۇ بۇ يىل 5‏-ئىيۇلدا خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ۋە دۆلەت كابىنېتىغا مەكتۇپ يېزىپ، 5‏-ئىيۇل غايىبلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئاشكارىلاشنى، ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن كەچۈرۈم سوراشنى ۋە تۆلەم تۆلەشنى تەلەپ قىلغان.

ئىلھام توختى بۇ يىللىق يېڭى يىل تەبرىكنامىسىدە يەنە، غايىبلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىق رەسمىيەتسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئادالەت، ھەققانىيەت يولىدا مىللەت ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا چوڭقۇر سالام يوللىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت