ئىلى دېھقانلىرى رايوندىكى قارا يامغۇر-كەلكۈنگە بوران ئاپىتىنىڭمۇ قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016-06-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

رادىيومىزغا ئەھۋال ئىنكاس قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلى ۋادىسىدا 6-ئاينىڭ 17-كۈنى باشلانغان ئاپەت خاراكتېرلىك قاتتىق يامغۇر يەنىلا داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، 10 كۈندىن بۇيانقى يامغۇر كەلكۈن ئاپىتىگە 26-، 27- ئىيۇن كۈنلىرىدىكى قاتتىق بوران قوشۇلۇپ، غۇلجا ناھىيىسىدىكى دېھقانلارنىڭ زىرائەتلىرىنى ۋە مېۋىلىك باغلىرىنى ئېغىر ۋەيرانچىلىققا ئۇچراتقان.

ئەمما، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا پەقەت 17- ئىيۇن كۈنىدىكى قارا يامغۇر ۋە يامغۇردىن كېيىنكى كەلكۈن ھەققىدە خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 19- ئىيۇندىكى خەۋىرىدىن نەقىل ئېلىپ بېرىلگەن خەۋەرلەردىن باشقا ئىلى رايونىدىكى ئاپەتنىڭ ئەمەلىيىتى ھەققىدە يەرلىكتىن ئىگىلىگەن تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىلمىدى. رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دېھقانلار بولسا 10 كۈندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان نورمالسىز ھاۋا رايى ھادىسىلىرى ھەققىدە توختىلىپ، كۈن ئارىلاپ دېگۈدەك يېغىۋاتقان گۈلدۈرمامىلىق قارا يامغۇر، يامغۇر توختىغاندىن كېيىنكى 40 گىرادۇسقا يېقىن زىيادە ئىسسىق نەم ھاۋا ۋە يەكشەنبە، دۈشەنبە كۈنلىرىدىكى قاتتىق بوراننىڭ دېھقانلارنىڭ بۇ يىلقى كۈزلۈك ھوسۇل ئارزۇسىنى پۈتۈنلەي يوق قىلغانلىقىنى، ئونيار، چولۇقاي، سۇپىتاي قاتارلىق يېزىلاردىكى نۇرغۇن دېھقاننىڭ سوقما تامدىن سېلىنغان ئۆيلىرى ۋە مال قوتانلىرىنىڭ قاتتىق يامغۇر ۋە كەلكۈندە سۇ ئاستىدا قېلىپ ئۆرۈلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۆزلىرىدىكى ۋەھىمىنىڭ بارغانچە كۈچىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن دېھقانلار، ھۆكۈمەت ئەۋەتكەن كادىرلار ئۆي-ئۆيلەرگە كىرىپ دېھقانلارنىڭ زىيان ئەھۋالىنى ئىگىلەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەت بېرىشنى ۋەدە قىلغان تۆلەمنىڭ دېھقانلارنىڭ بۇ قەدەر ئېغىر زىيانلىرىنى تولدۇرۇشقا ئىمكانسىزلىقىنى، نۆۋەتتە دېھقانلارنىڭ تېخىمۇ ئېغىر كۈنلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرەش ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت