خىتاي ئىلى دەرياسىغا سېلىۋاتقان 3-چوڭ كۆۋرۈكنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-07-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي دائىرىلىرى ئىلى دەرياسىغا سېلىۋاتقان 3-چوڭ كۆۋرۈكنى تېز پۈتتۈرمەكچى. خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىلى دەرياسىنىڭ 3-پەۋقۇلئاددە چوڭ كۆۋرۈكى دەپ ئاتالغان مەزكۇر كۆۋرۈك ئىلى دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىنى بولغان كۈنەس دەرياسىغا سېلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ پەۋقۇلئاددە چوڭ كۆۋرۈك دېيىلىشىدىكى سەۋەب كۆۋرۈكنىڭ ئومۇمى ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكىگە قارىتىلغان.

تەڭرى تاغ تورىدىكى خەۋەردە ئىلگىرى سۈرىلىشىچە، مەزكۇر پەۋقۇلئاددە چوڭ كۆۋرۈكنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1117 مېتىر، كەڭلىكى 24 مېتىر كېلىدىكەن. بۇ كۆۋرۈك ئىلى دەرياسىدىكى بىۋاسىتە غۇلجىغا بارىدىغان چوڭ كۆۋرۈكتىن 816 مېتىر ئۇزۇن ئىكەن. مەزكۇر ئۈچىنچى كۆۋرۈك بۇ يىل 9-ئايدا پۈتتۈرۈلىدىغان بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇش ئۈچۈن 90 مىليون سوم ئاجرىتىلغان.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئۇيغۇر زىيالىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىلى دەرياسىغا سېلىنغان بۇ كۆۋرۈكلەر ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى قاتناش ئەسلىھەلىرىنىڭ راۋاجلاندۇرۇلۇشى ئىلى ۋادىسى قاتارلىق جايلار بىلەن باشقا رايونلارنىڭ ئالاقىلىرى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ ئېيتىلسىمۇ، ئەمما بۇ ئالدى بىلەن ئىلى ۋادىسىدىكى خىتاي ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ تېخىمۇ راۋاجلىنىشى ۋە خىتاي ئاھالىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تېخىمۇ كۆپىيىشىدە مۇھىم رول ئوينايدىغان ئامىللاردۇر.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 13-بەش يىللىق پىلان جەريانىدا ئۇيغۇر رايونىنىڭ يول قۇرۇلۇشى ۋە قاتناش لايىھەلىرى ئۈچۈن 29 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، مەزكۇر قاتناش ۋە يول قۇرۇلۇشلىرى پەقەت ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر دىيارى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان ھەر خىل قاتناش ۋە يول قۇرۇلۇشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقىمۇ قارىتىلغان ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت