ئىلشات ھەسەن خىتاي پۇقرالىرىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ھەق مەيداندا تۇرۇشقا دەۋەت قىلدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018-08-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۆتكەن جۈمە كۈنى چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتچىلىرى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن بىر تەتقىقات يىغىنىغا قاتناشقان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن خىتاي پۇقرالىرىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈن كېلىۋاتقان بۈگۈنكىدەك ۋەزىيەتتە ھەق مەيداندا تۇرۇشقا دەۋەت قىلغان.

رادىيومىز خىتايچە بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىندا «ئۆتكەن بىر ھەپتىنىڭ ئامېرىكا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئورنىدىن دەس تۇرغان شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھوقۇق ھەپتىسى بولغان» لىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىلشات ھەسەن خىتاي خەلقى ئىچىدىكى ۋىجدانى ساغلام كىشىلەرنى ئۇيغۇرلار يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا سولىنىپ ياتقان مۇشۇ كۈنلەردە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن گەپ قىلىشقا ۋە لاگېرلارنىڭ تاقىلىشىغا كۈچ چىقىرىشقا دەۋەت قىلغان.
ئىلشات ھەسەن سۆزىدە ئەگەر خىتاي پۇقرالىرى ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن بۇ ھەقسىزلىقلارغا قارىتا ئۇيغۇرلار بىلەن ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە قارشى تۇرمىسا، داۋاملىق سۈكۈت قىلىپ بېشىنى ئىچىگە تىقىۋالسا، بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ قارا كۈننىڭ ئەتە ھەر بىر خىتاي پۇقراسىنىڭمۇ بېشىغا كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. 

ئىلشات ھەسەن بۇ يىغىندىكى سۆزىدە يەنە شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تارىخىي ۋە بۈگۈنى ھەققىدىمۇ قىسقىچە مەلۇمات بەرگەن.

تولۇق بەت