خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۇيغۇر تارىخچى ئىمىنجان سەيدىننىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-02-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دۇنيادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى بولغان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۆتكەن ھەپتە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ئاشقۇنلۇققا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ 15، يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر تارىخچى ۋە نەشرىياتچى ئىمىنجان سەيدىننى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ھەرىكىتى باشلىغان.

«شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتى» نىڭ تارىخ ئوقۇتقۇچىسى بولغان پروفېسسور ئىمىنجان سەيدىن2017‏-يىلى5‏-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ خىزمەت ئەترىتى تەركىبىدە تۆۋەنگە چۈشكەن گۇما ناھىيەسىدىن ئۈرۈمچىگە چاقىرتىپ كېلىنگەن ۋە ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان. كېيىنرەك ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، ئۈرۈمچىدىكى بىر لاگېرغا قامالغانلىقى، 2019‏-يىلى 2‏-ئايدا «ئەسەبىيلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن مەخپىي سوتلانلىنىپ، 15 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ھەمدە 500 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلغانلىقى مەلۇم بولغان.

ئىمىنجان سەيدىن ئىلگىرى «ئەمىن كىتابچىلىق شىركىتى» ناملىق كىتاب شىركىتى قۇرۇپ، مائارىپ، پسىخولوگىيە، ئاياللار مەسىلىسى، تەرەققىيات ۋە پەن-تېخنىكىغا دائىر كىتاب نەشر قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر ئۇنىڭ 2014‏-يىلى نەشر قىلدۇرغان «ئەرەب تىلى قوللانمىسى» نى ئۇنىڭغا «ئاشقۇلۇققا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى ئارتىشتا دەلىل قىلىپ ئىشلەتكەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان باياناتىدا دائىرىلەرنىڭ ئۇنى 15 يىل كەسكەن بولسىمۇ، لېكىن «ئۇنىڭغا قارشى ھېچقانداق بىر دەلىل ئېلان قىلىپ باقمىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن. باياناتتا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا يېزىلغان بىر پارچە خەت ئېلان قىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ بۇ خەتكە ئىمزا قويۇپ، جۇڭنەنخەيگە ئەۋەتىشى تەلەپ قىلىنغان. ئۇنىڭدا ئىمىنجان سەيدىننىڭ «خەلقئارادا بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان قانۇنسىزلىق سادىر قىلغانلىقىغا دائىر يېتەرلىك دەرىجىدە ئىشەنچلىك ۋە قوبۇل قىلارلىق دەلىل بولمىغۇچە شۇنداقلا خەلقئارا ئۆلچەملەر بويىچە ئادىل سوتلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىنمىغۇچە، ئۇنىڭ دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشى» تەلەپ قىلىنغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت