ھىندونېزىيەدە خىتايلارنىڭ ئۆلكە باشلىقى بولۇشىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ئاممىۋىي نامايىش يۈز بەرگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016-12-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


2-دېكابىر كۈنى ھىندونېزىيەدە 200 مىڭ كىشى جاكارتا مەركىزىدىكى چوڭ مەيدانغا يىغىلىپ، خىتاي نەسىللىك جۇڭ ۋەنشۆنىڭ جاكارتا ئۆلكىسىگە ئۆلكە باشلىقى بولۇشىغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن.

«يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ 11-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن بۇيان ھىندونېزىيە خەلقىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق زور كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، جاكارتا ئۆلكىسىگە ئۆلكە باشلىقى بولۇپ سايلانغان جۇڭ ۋانشۆ 11-ئاينىڭ باشلىرىدا «دىننى چۆكۈرۈپ سۆزلەش» دېلوسىغا چېتىلىپ، ھىندونېزىيەدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان. ھىندونېزىيەدىكى ئىسلام تەشكىلاتلىرى بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ساقچى دائىرىلىرىدىن جۇڭ ۋانشۆنى قولغا ئېلىشنى تەلەپ قىلغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، 2-دېكابىردىكى چوڭ نامايىشقا ھىندونېزىيە دۆلەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، قۇرۇقلۇق، ھاۋا ۋە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى، ھىندونېزىيەنىڭ پرېزىدېنتى ۋە مۇئاۋىن پرېزىدېنتىمۇ قاتناشقان.

ھىندونېزىيە دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار نوپۇسى ئەڭ كۆپ بولغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، لېكىن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بۇ دۆلەتتىكى ئىقتىسادىي كۈچى ئىنتايىن زور ئىكەن. كۆزەتكۈچىلەر، خىتايلارنىڭ بۇ ئەلدە كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تەسىرى يەرلىك ھىندونېزىيەلىكلەرنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ ئامىللارنىڭ بىرى، دەپ قارىماقتا.

تولۇق بەت