ئىسپانىيەدە كاتالونىيەنىڭ مۇستەقىللىقىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-10-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

شەنبە كۈنى بىر قانچە ئون مىڭ كىشى ئىسپانىيەنىڭ بارسېلونا، مادرىد قاتارلىق شەھەرلىرىدە كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈپ، كاتالونىيەنىڭ مۇستەقىللىقىغا قارشى تۇردى. ئۆتكەن ھەپتە ئىسپانىيە تەركىبىدىكى كاتالونىيە ئاپتونوم رايونى مۇستەقىللىق ھەققىدە ئومۇمى خەلق ئاۋاز بېرىش، يەنى رېفېرېندۇم ئۆتكۈزۈپ، 90% ئاۋاز مۇستەقىللىقنى قوللىغان ئىدى. بارسېلونا شەھىرىدىكى نامايىشچىلار مەزكۇر رېفېرېندۇم نەتىجىسىگە، يەنى ئىسپانىيەنىڭ بۆلۈنۈشىگە قارشى تۇرغان.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇمكى، 1-ئۆكتەبىر كۈنى ئىسپانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قارشى تۇرۇشى ۋە چەكلىشىگە قارىماي ئاۋاز بەرگەن ئىككى-ئۈچ مىليون كاتالونىيەلىكنىڭ 90 پىرسەنتى مۇستەقىللىقنى قوللىغان ھەمدە كاتالونىيە پارلامېنت دائىرىلىرى بۇ سەيشەنبە كۈنى رەسمىي تۈردە مۇستەقىللىق جاكارلاش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلماقچى بولغان ئىدى.

ئىسپانىيە باش مىنىستىرى مارىئانو راجوي كاتالونىيەنىڭ مۇستەقىللىقى مەسىلىسىدە ئىنكاس قايتۇرۇپ، كاتالونىيەنىڭ مۇستەقىللىق رېفېرېندۇمىنى بىكار قىلىشنى، ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا ھەتتا كاتالونىيەنىڭ ھازىرقى ئاپتونومىيىلىك ھوقۇقىنىڭمۇ بىكار قىلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان. 

1-ئۆكتەبىر كۈنىدىكى كاتالونىيە مۇستەقىللىق رېفېرېندۇمى ۋە نۆۋەتتىكى مۇستەقىللىققا قارشى نامايىشلار ھەم ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى تەرەپتىن كېلىۋاتقان قارشىلىقلارنىڭ كاتالونىيە كرىزىسىنى جىددىيلەشتۈرۈۋېتىشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنماقتا.

تولۇق بەت