«شىنجاڭنىڭ ئىقلىم ئۆزگىرىش دوكلاتى» كەلگۈسى 100 يىلدا تېمپېراتۇرا داۋاملىق ئۆرلەيدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013-09-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسى يېقىندا «شىنجاڭنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئىقلىم ئۆزگىرىش دوكلاتى» ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كەلگۈسى 100 يىللىق ئىقلىم ئۆزگىرىش ئەھۋالى ھەققىدە بەزى پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، كەلگۈسى 100 يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى داۋاملىق ئۆرلەيدۇ. ھۆل-يېغىن بىر ئاز كۆپەيسىمۇ، بىراق سۇ بىلەن تەمىنلەش قىيىنچىلىقى گەۋدىلىك ئىپادىلىنىپ، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ ناچارلىشىشى ئۈزلۈكسىز كەسكىنلىشىدۇ.

«ئۇيغۇربىز» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى فۇ بوجيې، شىنجاڭدەك ئاجىز ئېكولوگىيىلىك رايوندا ئېكولوگىيىلىك سىستېمىنىڭ مۇھىتتىكى ئۆزگىرىشىنى كۆتۈرۈش ئىقتىدارى ناھايىتى چەكلىك. ئەگەر ئۇنىڭدا بەزى ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرسە، مۇھىتنىڭ ئىزچىللىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، دېگەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، 1971‏-يىلدىن 2000‏-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشىگە سېلىشتۇرغاندا، تېمپېراتۇرا 2051‏-يىلدىن 2060‏-يىلغىچە بولغان 10 يىلدا 9.1 گرادۇستىن 7.2 گرادۇسقىچە ئۆرلىشى، ئاخىرقى 10 يىلدا 7.2 گرادۇستىن 2.4 گرادۇسقىچە ئۆرلىشى مۇمكىن.

بۇ دوكلات ب د ت نىڭ جۈمە كۈنى دۇنيانىڭ ئىقلىم ئۆزگىرىش ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتى ئېلان قىلىنغان مەزگىلدە ئېلان قىلىندى. ب د ت نىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، دۇنيانىڭ ئىسسىپ كېتىشىنى 95%, ئادەملەر كەلتۈرۈپ چىقارغان. تەتقىقاتچىلار 1990‏-يىللىرى خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىنى ئېچىشتا ئېھتىياتچان بولۇشقا ئاگاھلاندۇرۇپ، بولمىسا مۇھىت ۋەيرانچىلىققا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت