ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادىي ئېمبارگوسى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-08-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايغا تەۋە بەزى شىركەت ۋە شەخسلەرگە ئىقتىسادىي ئېمبارگو قويغاندىن كېيىن خىتاي ئارقا - ئارقىلاپ بايانات بېرىپ، ئامېرىكانىڭ بۇ قارارىنى ئەيىبلىمەكتە.

بۈگۈن خىتاينىڭ سودا مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گاۋ فېڭ مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، خىتاي، ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادىي ئىمبارگولىرىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن بارلىق تەدبىرلەرنى ئىشقا سالىدۇ، دېگەن.

دۈشەنبە كۈنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئاساسلىق خىتاي ۋە رۇسىيەگە تەۋە بولغان 16 شىركەت ۋە شەخسكە، شىمالىي كورېيە يادرو قوراللىرى پىلانىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن ئىقتىسادىي ئېمبارگو ئېلان قىلغان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئېمبارگو قويۇلغان 16 شىركەت ۋە شەخسنىڭ ئىچىدە 6 خىتاي شىركىتى بار بولۇپ، بۇلاردىن 3 ئى شىمالىي كورېيەدىن كۆمۈر ئىمپورت قىلىۋاتقان شىركەتلەر ئىكەن.

رويېتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ قارار ئامېرىكادا خىتاينىڭ تىجارەتتىكى تەڭپۇڭسىزلىقىغا قارشى ئېلىنغان تۇنجى ئەمەلىي بىر قەدەم بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت