ئىران ھۆكۈمىتى «دۈشمەن» كۈچلەرنىڭ ئوت قۇيرۇقلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-01-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۆتكەن ئاينىڭ 28-كۈنى ئىراندا باشلانغان خەلق ئاممىسىنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشى بۈگۈن تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقتى.

دۈشەنبە كەچ يۈز بەرگەن ئىسفاھان ئۆلكىسىدىكى توقۇنۇشتا ئاز دېگەندىمۇ توققۇز كىشى ئۆلۈپ، نامايىشتا ئۆلگەنلەرنىڭ ئومۇمى سانى 22 گە يەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئىران ئۆتكەن ئون يىل ئىچىدىكى ئەڭ جىددىي بىر ھالەتكە ئۆتتى.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 2-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نامايىشچى ئامما بولسا تېخىمۇ كۆپرەك ئىجتىمائىي ئەركىنلىك ۋە سىياسىي جەھەتتىكى ئېچىۋېتىشنى تەلەپ قىلماقتا ئىكەن. ھالبۇكى ئىراننىڭ ئالىي رەھبىرى ئاياتوللا خامېنى بۈگۈن خەلق ئاممىسىنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشى ھەققىدە سۆز قىلىپ: «مۇشۇ كۈنلەردە ئىراننىڭ دۈشمەنلىرى ھەمدە ئۇلارنىڭ گۇپپاڭچىلىرى پۇل، قورال-ياراق، سىياسەت ۋە ئىستىخبارات ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئوت قۇيرۇقلۇق قىلماقتا. نۆۋەتتىكى مالىمانچىلىق ئەنە شۇ سەۋەبتىن كېلىپ چىققان» دېگەن. نۆۋەتتە ئانالىزچىلار بۇ «دۈشمەن كۈچ» دېگەن ئاتالغۇنىڭ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، ئەنگلىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا قارىتىلغانلىقىنى ئالغا سۈرمەكتە ئىكەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ 2-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىران ھۆكۈمىتى نامايىشچىلاردىن 450 تىن ئارتۇق كىشىنى قولغا ئالغان. بۈگۈن ئىران پرېزىدېنتى ھەسەن روھانىي بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «ئەھۋال مۇشۇ يوسۇندا داۋام قىلىۋەرسە ھۆكۈمىتىمىز قوراللىق باستۇرۇشتىن ھېيىقىپ قالمايدۇ» دېگەن.

تولۇق بەت