ئىراندىكى نامايىشلاردا ئۆلگەنلەر 25 كە يەتتى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2018-01-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئىراندىكى نارازىلىق نامايىش ھەرىكەتلىرى يەنىلا داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى بارغانسېرى ئاشماقتا. ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەكشەنبىگىچە بولغان ئارىلىقتا نامايىش جەريانىدا 25 ئادەم ئۆلگەن.

«بوغۇز ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئىران ئەدلىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى غۇلام ھۈسەيىن موھسېنى ئېجېئىيې، بۇ جەرياندا 25 ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، بىراق، ئىران ھۆكۈمىتى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ ئامانلىق كۈچلىرىگە قوللىرىدىكى قوراللىرىدىن نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىش بۇيرۇقى بەرمىگەنلىكى، شۇڭا ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئامانلىق خادىملىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە ئۆلگەنلەر ئارىسىدا بەزى ئامانلىق خادىملىرىمۇ بارلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، بىراق، ئۇ 25 ئادەمنىڭ ئۆلۈش تەپسىلاتى ھەققىدە توختالمىغان.

ئۈچ ھەپتىنىڭ ئالدىدا پارتلىغان نامايىش ھەرىكىتى كېڭىيىپ، ئىراننىڭ كۆپلىگەن شەھەرلىرىگە تۇتاشقان بولۇپ، ھەتتا نارازىلىق نامايىش ھەرىكەتلىرىدە يەنە ئىران ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەش، ساقچى ۋە ھۆكۈمەت بىنالىرىغا بېسىپ كىرىشكە ئۇرۇنۇش ۋەقەلىرىمۇ كۆرۈلگەن.

ئىسلاھاتچىلاردىن ماخمۇد سادېغى ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى نامايىش جەريانىدا 3700 ئادەم تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئېيتقان، ئەمما ئىران ھۆكۈمەت تەرەپ 460 نەچچە ئادەمنىڭ تۇتۇلغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ مەلۇم سانىنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت