خىتاي ھۆكۈمىتى ئىراندا ئۇيغۇرلار توغرىلىق «پاكىتلىق مەلۇمات» تارقاتتى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-07-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلاشقۇچىلىرىدىن بىرى، دەپ قارىلىۋاتقان ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق خىتاي باش ئەلچىسى پاڭ سېن يېقىندا ئىراندىكى ئەڭ چوڭ ئىنگلىزچە گېزىت بولغان «تېھران ۋاقتى» دا ئۇيغۇرلار دىيارى توغرىلىق بىر قاتار ساختا مەلۇمات ئېلان قىلغان.

مەزكۇر گېزىتىنىڭ 14-ئىيۇلدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدا باش ئەلچى پاڭ سېن ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» دىكى مۇھىم ئورنى تۈپەيلىدىن ئىراندىكى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ مەزكۇر رايون ھەققىدە «ھەقىقىي ۋە توغرا بولغان مەلۇماتلار» غا ئېگە بولۇشىنى كۆزلەپ بۇ ماقالىنى ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پاڭ سېننىڭ زور ھەجىملىك بۇ ماقالىسىدە ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مىللەتلەر، ئومۇمىي نوپۇس، مائارىپ، ئاپتونومىيەلىك ھوقۇق قاتارلىقلار ھەققىدە بىر قاتار سانلىق مەلۇماتلارنى بېرىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق «بەختىيار» تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. شۇنىڭدەك بىر قاتار يالغان مەلۇماتلارنى بولۇشىچە بازارغا سالغان. مەسىلەن، ئۇنىڭدىكى «بۇ رايوندىكى پۈتكۈل مەمۇرىي خادىملارنىڭ 51 پىرسەنتى ئاز سانلىق مىللەتلەر»، «ھەرقايسى مىللەتلەر ئىناق ۋە دوستانە ياشايدۇ»، «ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى قانۇن قاتتىق ھىمايە قىلىدۇ» دېگەنلەر ئۆتكەن مەزگىللەردىن بۇيان ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى كۆپلەپ ئېلان قىلغان خەۋەر ۋە ئۇچۇرلار بىلەن پۈتۈنلەي قارىمۇ-قارشى مەلۇماتلار ھېسابلىنىدۇ.

د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «خىتاي دائىرىلىرى مۇشۇ خىلدىكى يالغان مەلۇماتلارنى كۆپلەپ بازارغا سېلىش ئارقىلىق، خەلقئارا جامائەتنى قايمۇقتۇرماقچى، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ يېتىم قالدۇرماقچى» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت