خىتاي دالاي لامانىڭ «ئىسلام دۆلىتى» بىلەن دىئالوگ چاقىرىقىنى تەنقىد قىلدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2015-12-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تىبەتنىڭ دىنىي داھىيسى دالاي لاما دۈشەنبە كۈنى ئىتالىيە گېزىتى «لا ستامپا» غا قىلغان سۆزىدە ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىنىڭ مەرھەمەتسىزلىك ئارقىلىق ئۆز دىنى ۋە دىنداشلىرىغا زىيان يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، دۇنيانىڭ مەزكۇر تەشكىلات بىلەن دىئالوگ ئۆتكۈزۈشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلغان. خىتاي تەرەپ بۈگۈن دالاي لامانىڭ مەزكۇر تەشەببۇسى ئۈستىدە پىكىر بايان قىلىپ دالاي لامانى «ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا تەرەپدار بولۇش» بىلەن ئەيىبلىگەن.

خىتاينىڭ «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» دە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي دۆلەتلىك مىللىي ۋە دىنىي ئىشلار كومىتېتى مەسئۇلى جۇ ۋېيچۈن بۇ ھەقتىكى سۆزىدە دالاي لامانىڭ «بىر مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپنى تىڭشىشى، چۈشىنىشى ۋە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك» دېگەن سۆزلىرىنى مەزكۇر تەشكىلاتقا قىزىقىشنىڭ، شۇنداقلا «سىياسىي يولدا زوراۋانلىقتىن زادىلا ۋاز كەچمىگەنلىكى» نىڭ ئىپادىسى دېگەن.

رويتېرسنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، دالاي لاما خىتاينىڭ بۇ ئەيىبلىمىسىگە ھازىرچە تېخى ئىنكاس قايتۇرمىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت