خىتاي، «شىنجاڭ ئىسلام جەمئىيىتى» قاتارلىق ئورگانلارنى ئامېرىكانى ئەيىبلەشكە سالدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-12-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىنى ئەيىبلەيدىغان «2019-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسىنى» نىڭ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا مۇتلەق كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن ماقۇللىنىشى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز تاراتقۇلىرى ئارقىلىق ئوخشىمىغان ئورگان ۋە شەخسلەر نامىدىن ئارقىمۇ-ئارقا بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانىڭ ھەرىكىتىنى جان-جەھلى بىلەن ئەيىبلەشكە باشلىدى.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت ئاۋازى بولغان «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋەرلەر سەھىپىسىدە ئورۇن ئالغان يازمىلارنىڭ كۆپ قىسمى مانا مۇشۇ خىل نارازىلىق بايانلىرى بىلەن تولغان. بۈگۈن يەنى 5-دېكابىر كۈنى، «خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى» ۋە «شىنجاڭ ئىسلام جەمئىيىتى» ئايرىم-ئايرىم ھالدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانى تەنقىدلىگەن.

«شىنجاڭ ئىسلام جەمئىيىتى» باياناتىدا، «ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى 10 مىليوندىن ئوشۇق مۇسۇلمان ئاممىغا ۋاكالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى» ئىلگىرى سۈرۈپ تۇرۇپ، ئامېرىكانىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىگە ھەر مىللەت مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇلار باياناتىدا، «ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى رايوندىكى ئەمەلىيەتنى بىلمەي تۇرۇپ، بۇ يەرگە كېلىپ باقماي تۇرۇپ، بىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىمىز ھەققىدە بىلجىرلىدى» دېگەن. ھالبۇكى، شىنجاڭ ئىسلام جەمئىيىتى ئامېرىكانىڭ دېگەنلىرىگە قارشى ئىلگىرى سۈرگەن پاكىتلىرىدا ئوخشاشلا «ئۇيغۇر ئېلىدە جەمئىي 20 مىڭدىن ئوشۇق مەسچىت بار، 29 مىڭغا يېقىن دىنى خادىم بار، رايون، ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەردە ھەرقايسى دەرىجىلىك 103 ئىسلام دىنى جەمئىيىتى بار. . . قۇرئان كېرىم خىتايچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە 4 خىل تىلدا نەشر قىلىنغان» دېگەندەك كونا گەپلەرنى تەكرارلىغان.

«خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى» مۇ 5-دېكابىر كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، كومپارتىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ مىللىي ۋە دىنى ھوقۇقلىرىنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكانى «‹شىنجاڭ ئارقىلىق جۇڭگونى چەكلەش›تەك رەزىل نىيىتىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى» دەپ تەنقىدلىگەن. ئۇلارمۇ ئوخشاشلا يۇقىرىدىكى شىنجاڭ ئىسلام جەمئىيىتىگە ئوخشاش ئۇيغۇر ئېلىدە 24 مىڭدىن ئوشۇق مەسچىت بارلىقىنى بايان قىلغان. ئەمما ئۇ مەسچىتلەرگە كىرىشكە بولمايدىغانلىقىدىن سۆز ئاچمىغان.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى 1 گە قارشى 407 ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغاندىن كېيىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، خىتاي شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خەلق گېزىتى، ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋە ئۇنىڭ ئەركىن تۇنىياز، شاۋكەت ئىمىن ۋە باشقا نۇرغۇن ئورگان ۋە شەخسلىرى نارازىلىق باياناتلىرى ئېلان قىلىندى. ئۇيغۇر تىلىدىكى «شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى» مۇ ئۆز خەۋەرلىرىدە رايوندىكى ھەرساھە كىشىلەرنى ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر قانۇن لايىھەسىگە قارشى نارازىلىقىنى ئىپادىلەشكە سالغان.

چەتئەللەردىكى ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرى خىتاينىڭ بۇ نۆۋەت ئامېرىكانىڭ ھەرىكىتىدىن ئەندىشىگە چۈشكەنلىكىنى مۆلچەرلىمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت