ئىسلام كەرىموفنىڭ پرېزىدېنت سايلىمىدا 90% تىن ئارتۇق ئاۋازغا ئېرىشكەنلىكى گۇمان قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015-03-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۈگۈن ئۆزبېكىستاندىكى پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىسى ئېلان قىلىنىپ، ئىسلام كەرىموفنىڭ 90.39% ئاۋازغا ئېرىشكەنلىكى ئېلان قىلىنغان.

ئۆزبېكىستان مەركىزىي سايلام كومىتېتىنىڭ رەئىسى مىرزا ئۇلۇغبەگ ئابدۇسالاموف بۈگۈن بايانات بېرىپ، 29-مارتتىكى سايلامدا بېلەت تاشلىغان 18 مىليون 900 مىڭ كىشى ئىچىدە 17 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئىسلام كەرىموفقا بېلەت تاشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر خەلقئارادىكى سىياسىي ئانالىزچىلار بىلەن مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك گۇمانىنى قوزغىغان.

بۇ يىل 77 ياشقا كىرگەن ئىسلام كەرىموف 1989-يىلىدىن بۇيان ئۆزبېكىستاننىڭ يېگانە ھۆكۈمرانى بولۇپ كەلمەكتە. ئۇ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان 25 يىلدىن بۇيان ئالدىنقى بىرقانچە قېتىملىق پرېزىدېنت سايلاملىرىدا ئىزچىل ھالدا 90% تىن ئارتۇق ئاۋازغا ئېرىشكەنلىكىنى جاكارلاپ كەلگەن ھەمدە ئۆزىنىڭ ئۆزبېك دۆلىتىگە بولغان ھاكىممۇتلەق ھۆكۈمرانلىقىنى قانۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىسلام كەرىموف يىللاردىن بۇيان دۆلەت ئىچىدىكى ئۆكتىچىلەرنى تازىلاپلا قالماستىن، بەلكى چەتئەللەردە پاناھلىنىۋاتقان سىياسىي رەقىبلىرىنىمۇ ئادەم ئەۋەتىپ يوق قىلىشقا ئۇرۇنغان.

كۆزەتكۈچىلەر ئۆزبېكىستاندىكى بۇ قېتىملىق ئاتالمىش «سايلام» نىڭ ئەمەلىيەتتە ئىسلام كەرىموفنىڭ مۇتلەق كونتروللۇقى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، دۆلەتتىكى پۈتكۈل تاراتقۇلارنىڭ ئىسلام كەرىموف ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ بىلەن پرېزىدېنتلىق تالىشىدىغان رىقابەتچىلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت