مۇھەممەت ماخاتىر: «خىتاي كۈچلۈك بولغاچقا مۇسۇلمان دۆلەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ گېپىنى قىلالمايۋاتىدۇ»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-09-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مالايسىيا باش مىنىستىرى مۇھەممەت ماخاتىر خىتاي ئىقتىسادى ۋە ھەربىي كۈچى بەك كۈچلىك بولغاچقا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئۇنى تەنقىد قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مۇھەممەت ماخاتىر بۇ سۆزلەرنى مۇسۇلمان دۆلەتلەر كەشمىر، روھىنگا، پەلەستىن قاتارلىق مەسىلىلەردە ئاكتىپ ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كەلگەندە كۆزىنى يۇمۇۋېلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان مەزگىلدە قىلغان. ئۇ تېخى ئۆتكەن ھەپتە ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە سۆز قىلىپ، كەشمىر، روھىنگا مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئەمما ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىغان ئىدى.

بېنار «خەۋەرلەر ئاگېنتلىقى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ماخاتىر27‏-سېنتەبىر نيۇ-يورك شەھىرىدە «بىنار خەۋەرلىرى» مۇخبىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، «چۈنكى خىتاي بەك كۈچلۈك دۆلەت. . . سىز ئوڭۇشلۇق بولمايدىغان بىر ئىشنى بىلىپ تۇرۇپ سىناپ باقسىڭىز ياكى قىلسىڭىز بولمايدۇ. شۇڭا سىزنىڭ خىتاينىڭ غەزىپىنى قوزغىمايدىغان سىلىقراق بىر يولنى تۇتقىنىڭىز ياخشى. چۈنكى خىتاي ھەممىمىزگە مەنپەئەت بېرىۋاتقان بىر دۆلەت،» دېگەن.

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ چوڭ سودا شېرىكى بولۇپ، ئۇلار بۇنىڭغا تەسىر قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىشنى خالىمايدىكەن. ئۇ «بۇنىڭغا تەسىر يەتسە، بىز زىيانغا ئۇچرايمىز» دېگەن. ماخاتىرنىڭ ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينىڭ ھەرىكىتىنى «بۇ ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» دەپ تەرىپلەۋاتقان بىر مەزگىلدە بۇ سۆزلەرنى قىلىشى دەرھال كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن دىرېكتورى فىل روبېرتسوننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ماخاتىردەك بىر شەخسنىڭ تىلىنى يىغىشى خىتاينىڭ تەنقىدچىلەرنى قورقۇتۇشتا قانچىلىك زور قەدەملەرنى ئالغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. ئۇ «ئىسلام ھەركارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشقا ئەزالىرىغا ئوخشاش مالايسىيامۇ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى سۆزلەشكە كەلگەندە بېيجىڭنىڭ بېسىمىغا باش ئەگمەكتە،» دېگەن. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، «ماخاتىر ئۆزىنىڭ سۈكۈتىنى بۇزۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقى ۋە دىنىي ئەركىنلىكنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنى تەنقىد قىلىشى كېرەك،» ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت