ئىسمائىل ئەخمەت قاتارلىق 3 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر ئەمەلدارنىڭ «ئوچۇق خېتى» نى ئۆگىنىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقىتىلغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-07-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

 

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىشخانىسى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلارنىڭ ئىسمائىل ئەخمەت، ئىسمائىل تىلىۋالدى ۋە ئابلەت ئابدۇرېشىت قاتارلىق 3 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر ئەمەلدارنىڭ ئىمزالىق باياناتىنى ئۆگىنىشىنى تەلەپ قىلغان.


تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسمائىل ئەخمەت قاتارلىق 3 نەپەر ئۇيغۇر ئەمەلدارنىڭ باياناتى كېرىيە ناھىيىسى جاي يېزىسىنىڭ باشلىقى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننىڭ تۇنجى پارچە «ئوچۇق خېتى» ئېلان قىلىنغاندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرىنىڭ سىياسىي باياناتى ھېسابلىنىدىكەن.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلگەن: «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل ئەخمەت، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل تىلىۋالدى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئابلەت ئابدۇرېشىتلارنىڭ ئىمزالىق ماقالىسى پارتىيە تارىخىنى ئەسلەش، پارتىيىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشتە ئۈلگە كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ‹ئۈچ خىل كۈچ› نىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ كۆرسىتىش ۋە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىر ئاممىسىنى ئانارنىڭ دانىسىدەك بىر-بىرىگە چىڭ باغلاپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشتا ئامما ئارىسىدا ئىنتايىن چوڭقۇر ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلدى.»

ئىسمائىل ئەخمەتنىڭ 7-ئاينىڭ 11-كۈنى «تەڭرىتاغ تورى» دا ئېلان قىلغان «ئوچۇق خېتى» دە مۇنداق دېيىلگەن ئىدى: «مەن پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ھاياتىمنى ‹ئۈچ خىل كۈچ› كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشقا ئاتاشنى خالايمەن.»

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندەك ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ئۇيغۇر ئەمەلداردىن تارتىپ ئىسمائىل ئەخمەتتەك ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر ئەمەلدارغىچە «ئوچۇق خەت» ئېلان قىلدۇرۇپ، سىياسىي ئىپادە بىلدۈرۈشكە سېلىشى، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ھېچ بىر ئۇيغۇر ئەمەلدارغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى، دەپ قارىماقتا.

تولۇق بەت