ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ رۇس تىلىدا رومان يېزىپ تونۇلغان يازغۇچىسى ۋاپات بولدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015-03-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ «ئاكپرېسس» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۆھپىكار مەدەنىيەت ئەربابى، ئاتاقلىق يازغۇچى ئىسرائىل ئىبرايىموف 18 - مارت كۈنى بىشكەك شەھىرىدە ۋاپات بولدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئىسرائىل ئىبرايىموف سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە، مەركىزى موسكۋادىكى پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى بولغان.

رۇس ژۇرنالىستى ئالېكساندىر بارشاينىڭ يازغۇچىنىڭ 80 يىللىقىغا بېغىشلاپ يازغان ماقالىسىدە ئۇنىڭ ئىجادىي ھاياتىغا يۇقىرى باھا بېرىلگەن. ئاپتور ئۇنىڭ «ياۋا قاراقات تەمى» ناملىق رومانىنىڭ 1979 - يىلى، موسكۋادىكى «سوۋېتسكىي پىساتېل»، يەنى «سوۋېت يازغۇچىسى» ناملىق ئەڭ مۇھىم نەشرىيات تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىش بىلەن ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ئەدەبىياتى ساھەسىگە تونۇلۇشقا باشلىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ، 1990 - يىللاردا يەنە «چۆچە ۋە ئايروپىلان» ناملىق رومانىنى نەشىر قىلدۇردى.

ئىسرائىل ئىبرايىموف بىۋاسىتە رۇس تىلىدا يازغان 4 رومانى ۋە باشقا بىر قانچە پوۋېستلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 7 كىتاب ھەم ئۈچ ئىلمىي تەتقىقات ئەسىرى شۇنىڭدەك 40 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىنىڭ ئاپتورىدۇر.

ئىسرائىل ئىبرايىموف يەنە بىر قانچە ھۆججەتلىك فىلىملەرنىڭمۇ ئاپتورىدۇر.

قىرغىزىستان كىنو تورىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئىسرائىل ئىبرايىموفنىڭ ۋاپاتىغا قىرغىزىستان جۇمھۇرىيەتلىك كىنو ئىشلىرى ئىدارىسى چوڭقۇر تەزىيەسىنى بىلدۈرۈپ، مەرھۇم يازغۇچى ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى تالانتلىق كىنو رېژىسسورى ھۈسەنجان ئىبرايىموفنىڭ قىرغىزىستان كىنوچىلىقىغا قوشقان تۆھپىسىگە ياخشى باھا بەرگەن.

«24.كگ» ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان قىرغىزىستان ئەدەبىياتى ھەققىدىكى ماقالىدە «قىرغىزىستان يېڭى ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ئولېگ بوندارېنكو ئۇيغۇر يازغۇچىسى ئىسرائىل ئىبرايىموفنى قىرغىزىستاندىكى ئەڭ تونۇلغان يازغۇچىلار قاتارىدا ساناپ ئۆتكەن. ئىنتېرنېت تورلىرىدا تارقىلىۋاتقان «قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار»غا ئائىت ماقالىلەردە ئىسرائىل ئىبرايىموف قىرغىزىستاندىكى پۈتۈن جۇمھۇرىيەتكە تونۇلغان ئاتاقلىق پەن ئەربابلىرىدىن ئاكادېمىك ئەزىز نارىنبايېف قاتارلىقلار بىلەن بىرگە تىلغا ئېلىنىدۇ. ئىسرائىل ئىبرايىموف يەنە قىرغىزىستان مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر پىلولوگىيەسى بويىچە پروفېسسورى بولغان ئىدى.

مەرھۇم ئىسرائىل ئىبرايىموف 1933 - يىلى ئىسسىق كۆل بويىدىكى قاراقولدا دۇنياغا كەلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت