جېجىياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىگە 15 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىشى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-06-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ جېجىياڭ ئۆلكىسى ئاقسۇ ۋىلايىتىدە 30 دىن ئارتۇق سانائەت تۈرىگە 15 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئاقسۇغا بۇنداق زور مىقداردا مەبلەغ سېلىنىشى دىققەت قوزغىدى.

شىنخۇا تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە بىڭتۇەنگە قاراشلىق ئارال شەھىرىنىڭ جېجىياڭ ئۆلكىسىگە بۆلۈپ بېرىلگەنلىكىگە 10 يىل تولغان بولۇپ، ئىككى تەرەپ بۇندىن كېيىنكى ھەمكارلىقلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن ئاقسۇ ۋىلايىتىدە قاتتىق دېتال سانائەت باغچىسى، پۇل-مۇئامىلە سودا مەركىزى ۋە ياڭاق پىششىقلاپ ئىشلەش، توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك، ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى ئېچىش، 5G تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەر بويىچە كېلىشكەن. بۇ تۈرلەرگە سېلىنىدىغان مەبلەغنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 15 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كېتىدىكەن.

خەۋەردە جېجىياڭ ئۆلكىسى ئاقسۇ ۋىلايىتىگە 10 يىلدىن بۇيان 60 مىليارد يۈەنگە يېقىن «ياردەم بەرگەن» لىكى ۋە 96 مىڭدىن ئارتۇق ئىش ئورنى ياراتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن، بىراق جېجىياڭ ئۆلكىسىنىڭ بۇنىڭدىن قانچىلىك پايدا ئالغانلىقى ۋە بۇ خىزمەت ئورۇنلىرىدا كىملەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشقانلىقى ئېنىق تىلغا ئېلىنمىغان.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر ھازىر ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرى ھەدەپ تۆۋەن مائاش بىلەن مەجبۇرىي ئەمگەكچىلەرگە ئايلاندۇرۇلۇۋاتقان بىر مەزگىلدە خىتاي كارخانىلىرىنىڭ ھەسسىلەپ پايدا ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىگە كۆپلەپ كىرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىگە خەلقئارانىڭ دىققىتىنى تارتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەشتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت