بوللىۋودنىڭ داڭلىق كىنو چولپىنى جېككىي شىروفنىڭ ئۇيغۇر ئەۋلادى ئىكەنلىكى خەۋەر قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-02-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بىرىنچى فېۋرال كۈنى ھىندىستاندا چىقىدىغان «ئەركىن ئاخبارات ژورنىلى» دا ئېلان قىلىنغان مەخسۇس خەۋەرگە قارىغاندا، ھىندىستاننىڭ كىنوچىلىق مەركىزى بوللىۋودنىڭ داڭلىق كىنو چولپانلىرىدىن بىرى بولغان جېككىي شىروفنىڭ ئەجدادلىرى ئۇيغۇرلارغا تۇتۇشىدىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بىرىنچى فېۋرال كۈنى 61 ياشقا كىرگەن جېككىي شىروف ئۆزى رول ئالغان فىلىملەردىكى تالانتى سەۋەبلىك «بوللىۋود قەھرىمانى» دەپ ئاتالغان ئىكەن. ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلىنغان خەۋەردە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن ئالدى بىلەن لاھورغا كۆچۈپ چىققانلىقى، كېيىن دېھلى ۋە ئاخىرى بومبايغا يەرلىشىپ قالغانلىقى يېزىلغان. 

جېككىي شىروف تونۇشتۇرۇلغان يەنە بىر تور بەتتە ئېيتىلىشىچە، جېككىي شىروف 2017-يىلى ھىندىستاندىكى راجا سابھا تېلىۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە توختىلىپ، مومىسىنىڭ ئەسلى يەكەنلىك ئىكەنلىكىنى، مومىسىنىڭ ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە 1900-يىللار ئەتراپىدا خىتايلار شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن كېيىن لاھورغا قېچىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان ئىكەن. 

«ئەركىن ئاخبارات ژۇرنىلى» نىڭ خەۋىرىدە، جېككى شىروفنىڭ ھارماس-تالماس تىرىشچانلىق نەتىجىسىدە بوللىۋودتىكى «ئا دەرىجىلىك داڭلىق چولپان» غا ئايلانغانلىقى، ئۇنىڭ نامى چىققاندىن كېيىنمۇ بالىلىقىنى ئۆتكۈزگەن كىچىككىنە ئۆيىنى ئۇنتۇپ قالماي ھەپتىدە بىر قېتىم زىيارەت قىلىپ تۇرغانلىقى بايان قىلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، جېككىي شىروفنىڭ 27 ياشلىق ئوغلى تايگېر شىروفمۇ داڭلىق كىنو ئارتىسى ئىكەن.

تولۇق بەت