جېيمىس ۋىلۋارد: «شىنجاڭدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەرلىرىنى تېررورلۇققا باغلاشتىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-11-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىندا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارغا ئالاقىدار مەخپىي ھۆججەتلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىشى غەرب مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە بولغان باھاسىدا ئۆزگىرىش پايدا قىلىشقا باشلىغان.

ئامېرىكالىق ئۇيغۇرشۇناس، جورجى توۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، جېيمىس مىلۋارد 25‏-نويابىر كۈنى تۋېتتىردا پىكىر يېزىپ، مۇخبىرلارنىڭ شىنجاڭدا يۈز بەرگەن ئۆلۈم-يېتىم ۋەقەلىرىنى تېررورلۇققا باغلاشتىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، تېررورلۇق مەسىلىسىدە ب ب س نىڭ پانوراما پروگراممىسىدەك ياكى خىتاينىڭ 2009‏-يىلى يۈز بەرگەن ۋەقەنى توپىلاڭ، دەپ ئاتىغىنىدەك ئاتىماسلىق ۋە ياكى «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى كرىس باكلېي ۋە ئائۇستىن رامزىلەردەك زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى قوراللىقلارغا باغلاپ قويماسلىق كېرەك ئىكەن. جېيمىس مىلۋارد، «ئۈرۈمچى ۋەقەسى» ھەققىدە توختىلىپ، بۇ ۋەقەنىڭ مۇرەككەپ ۋەقە ئىكەنلىكى، بۇ ۋەقەدە نامايىشنىڭ باستۇرۇشقا ئۇچراپ، زوراۋالىققا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇنىڭ قارىشىچە، بۈگۈنكى خوڭكوڭ نامايىشچىلىرىنى «تېررورچىلار» ياكى «قورالىقلار» دەپ ئاتاشقا بولمىغىنىدەك شىنجاڭدا 2009‏-يىلى يۈز بەرگەن ۋەقەگە قارىتا بۇ تېرمىنلارنى ئىشلىتىشكە بولمايدىكەن.

ئۇ، «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان لاگېرلارغا ئالاقىدار مەخپىي ھۆججەتلەر ھەققىدىكى «رەھىم قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇنىڭدا يەكەن ۋەقەسىنىڭ تىلغا ئېلىنغانلىقى، لېكىن ساقچى پونكىتىغا پىچاق ۋە توقماقلار بىلەن ھۇجۇم قىلىشتەك بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىمۇ دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدىغانلىقى، ئەمما ساقچىلارنىڭ ئۇلارغا ئوق چىقارمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا يۈز بەرگەن «چوڭ ۋەقەلەر» بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا قويۇش كېرەك ئىكەن. ئۇ، ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى دەرھال ئىسلامىي «تېررورلۇق» دەپ ھۆكۈم قىلماسلىق كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت