ھىندونېزىيە پرېزىدېنتى: خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىز زېمىن تەلىپىنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي ئاساسى يوق

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015-03-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ھىندونېزىيە پرېزىدېنتى جوكو ۋىدودو، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىغا ئىگىلىك ھوقۇق تەلەپ قىلىشىنىڭ ھېچقانداق خەلقئارا قانۇنىي ئاساسى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىراق ھىندونېزىيەنىڭ مەزكۇر رايوندىكى زېمىن ئىختىلاپىدا داۋاملىق «دۇرۇست ۋاسىتىچى» بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ «خىتاي دېڭىز چېگراسى قىلىپ بېكىتكەن 9 سىزىقلىق چېگرا لىنىيىسىنىڭ خەلقئارا قانۇندا ھېچقانداق ئاساسى يوق» دېگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرقى جەنۇبىي دېڭىز چېگرا سىزىقىنى 1953‏-يىلى ئېلان قىلغان ئىدى. ۋىدودو بۇ سۆزلەرنى يەكشەنبە كۈنى ياپونىيە «يومىئۇرو» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا قىلغان. ئۇنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىش ھارپىسىدا بۇ سۆزلەرنى قىلىشى دىققەت قوزغىدى. ۋىدودونىڭ ياپونىيە زىيارىتى دۈشەنبە كۈنى باشلاندى. ئۇ كېيىنكى قەدەمدە خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ.

ۋىدودو يەنە، «بىز ئاسىيا-تىنچ ئوكياندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىققا ئېھتىياجلىق. بىخەتەرلىك ۋە سىياسىي بىزنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىمىزدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» دېگەن. خىتاي جەنۇبىي دېڭىزنىڭ 90% دە ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ رايوندىكى ۋىيېتنام، فىلىپپىن، مالايشىيا، بىرۇنېي قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغان.

ئامېرىكا رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ زېمىن ئىختىلاپىدا بىتەرەپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرسىمۇ، بىراق ئۇ، ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ بۇ رايوندا خەلقئارا دېڭىز قاتناش ھەم ھاۋا قاتناش ئەركىنلىكىنى كونترول قىلىشىغا سۈكۈت قىلمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت