ئامېرىكا ھەربىي كوماندىرى: جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىگە سەۋەب بولىدۇ

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015-12-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


ئامېرىكا ھەربىي كوماندىرى جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنىڭ رايوندا ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، رايوننى ئوت قاينىمىغا غەرق قىلىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۈشەنبە كۈنى ھاۋاي ئارىلىدا نۇتۇق سۆزلىگەن ئامېرىكا تىنچ ئوكيان فلوتىنىڭ كوماندىرى سكوت سۋىفت يەنە، خىتايدەك دۆلەتلەرنى جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇق دەتالاشنى خەلقئارا قانۇن ئارقىلىق ھەل قىلىشقا دەۋەت قىلدى.

رويتېرسنىڭ نەقىل قىلىشىچە ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنى ئەنسىرىتىدىغان ۋەزىيەت بولسا، نەچچە ئون يىللاردىن بۇيانقى ئاسايىشلىق ۋە باياشاتلىقتىن كېيىن بۇ رايوننىڭ «كۈچ ھەممىنى ھەل قىلىدۇ» دېگەن يۆلىنىشكە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولۇشتۇر.»

ئۇ يەنە جەنۇبىي دېڭىز ئەتراپىدىكى كۆپىنچە دۆلەتلەرنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي قۇربىدىن ھالقىغان ھالدا دېڭىز ئارمىيەلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىگە خىتاي قارشى چىقتى. چارشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا سۆز قىلغان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇڭ لېي: «بەزى دۆلەتلەر جەنۇبىي دېڭىزدىكى جىددىيلىكنى مۇبالىغىلەشتۈرۈۋاتىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە مۈجىمەللىك پەيدا قىلىش ۋە جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە ئارىلىشىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. خىتاي بۇنىڭغا كۈچلۈك قارشى تۇرىدۇ» دېدى.

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جەنۇبىي دېڭىزىنىڭ سپراتېل ئارىلى تەۋەسىگە 7 سۈنئىي ئارال ياسىغان ۋە بۇلارنىڭ بىرىگە ئايروپىلان ئۇچۇش يولى ئورۇنلاشتۇرغان. بۇ جەنۇبىي دېڭىزغا چېگرىلىنىدىغان دۆلەتلەرنىڭ جىددىي نارازىلىقىنى قوزغىغان.

ئامېرىكا خىتاي ياسىغان سۈنئىي ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بۇ يىل 26 - ئۆكتەبىر بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ئارالنىڭ 12 دېڭىز مىلى تەۋەسىگە ھەربىي كېمىسىنى كىرگۈزگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت