ئامېرىكىلىق مۇلاھىزىچى: ئامېرىكا جەنۇبىي كورېيەگە ئورۇنلاشتۇرغان ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى خىتاينى بىئارام قىلدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2014-08-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكىلىق مۇلاھىزىچى «فوربىس» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان مۇلاھىزىسىدە، ئامېرىكا جەنۇبىي كورېيەگە ئورۇنلاشتۇرغان ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسىنىڭ خىتاينى بىئارام قىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

مۇلاھىزىچى دونال كىركنىڭ يېزىشىچە، خىتاي كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ مەزكۇر رايوندا ئامېرىكا ۋە ياپونىيە ئايروپىلانلىرىغا قارا كۆلەڭگە تاشلىشى، ھەمدە شىمالىي كورېيەدىن كېلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، يۇقىرىقى ھاۋا بوشلۇقىدا زەربە بېرەلەيدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسىنىڭ ئاسىياغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بەك ئەقەللىي چارە ئىكەن.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى كورېيەگە ئورۇنلاشتۇرۇشى خىتاينىڭ يېقىنقى تاجاۋۇزكارانە ھەرىكەتلىرىگە ئوڭ تاناسىپ كېلىدىكەن.

ئالدىنقى ھەقتە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاي كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى خەلقئارالىق ئوچۇق دېڭىزدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئامېرىكا ھەربىي ئايروپىلانىغا 10 مېتىرچە يېقىنلاشقانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرى ئەينى چاغدا ئەگەر ئامېرىكا بۇ خىلدىكى تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى توختاتمىسا ئۆزىنىڭمۇ مۇداخىلە قىلىش ھەرىكىتىنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئامېرىكا جەنۇبىي كورېيەگە يۇقىرىدا تىلغا ئىلىنغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن، خىتاي ۋە رۇسىيە دائىرىلىرى ئېتىراز بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ رايون خەۋپسىزلىكى ۋە ئىستراتېگىيەلىك تەڭپۇڭلۇققا ئەكس تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

ھالبۇكى ئامېرىكا دائىرىلىرى بۇ بومبا سىستېمىسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئومۇمىي پىلانىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى، بۇنىڭ ياپونىيەگە قارىتىپ ئېتىلغان بومبىلارنى توسۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت