جەنۇبىي كورېيە پرېزىدېنت مۇننىڭ خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇر مەسىلىلىرىدە خىتاينى قوللىغانلىقىنى رەت قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-12-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

جەنۇبىي كورېيە پرېزىدېنت مەھكىمىسى 24‏-دېكابىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي تەرەپنىڭ جەنۇبىي كورېيە پرېزىدېنتى مۇن جى ئۇن خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇر مەسىلىلىرىدە خىتاينىڭ سىياسىتىنى قوللىدى، دېگەن سۆزلىرىنى رەت قىلغان.

جەنۇبىي كورېيە پرېزىدېنتى مۇن جى ئۇن، ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې ۋە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 23‏-دېكابىر كۈنى بېيجىڭدا ئۇچرىشىپ، ياپونىيە‏-جەنۇبىي كورېيە‏-خىتاي 3 تەرەپ باشلىقلار سۆھبىتى ئېلىپ بارغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شى جىنپىڭ بىلەن مۇن جې ئۇننىڭ ئۇچرىشىشىدا جەنۇبىي كورېيە پرېزىدېنتىنىڭ خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاينىڭ سىياسىتىنى قوللىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مۇن جى ئۇننىڭ خوڭكوڭ بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى خىتاينىڭ «ئىچكى ئىشى»، «خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدىكى سىياسىتىنى قوللايمىز» دېگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

لېكىن «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جەنۇبىي كورېيە پرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى كۇ مىن جۇڭ ئۆزلىرىنىڭ يۇقىرىقى مەسىلىلەردە خىتاينى قوللىغانلىقىنى رەت قىلغان. كۇ مىن جۇڭ 24‏-دېكابىر ئېلان قىلغان باياناتىدا پرېزىدېنت مۇن جې ئۇننىڭ شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە خىتاينىڭ خوڭكوڭ بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى خىتاينىڭ «ئىچكى ئىشى» دېگەن مەيدانىنى «ياخشى خاتىرىگە ئالغانلىقى» نى بىلدۈرگەنلىكى، لېكىن ئۇنىڭ بۇ مەسىلىدىكى سىياسىتىنى قوللايمىز دېمىگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

كۇ مىن جۇڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئۇچرىشىشتا شى جىنپىڭ خوڭكوڭ ۋە شىنجاڭ مەسىلىسىنىڭ ئىچكى ئىشى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرگەن، پرېزىدېنت مۇن جې ئۇن ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ياخشى خاتىرىگە ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.»

بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېمۇ خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ (شىنجاڭ) ۋەزىيىتىگە ئوچۇق-ئاشكارا چۈشەنچە بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى ئوتاكانىڭ ياپونىيە تاراتقۇلىرىغا بىلدۈرۈشىچە، شى جىنپىڭ شىنزو ئابېنىڭ سۆزلىرىگە قارىتا خوڭكوڭ مەسىلىسى خىتاينىڭ «ئىچكى ئىشى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. لېكىن ئوتاكا شىنزو ئابېنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى سۆزىگە نېمە دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىنى چۈشەندۈرمىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت