ئۇيغۇرلار جەنۋەدىكى ب د ت بىناسى ئالدىدا زور كۆلەملىك نامايىش قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-11-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى خىزمىتىنى باھالاش مەقسىتىدە 6-نويابىر كۈنى ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى شتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ يىغىن جەريانىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن توپلانغان ئۇيغۇرلار نارازىلىق نامايىشى تەشكىللەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

ئامېرىكا، تۈركىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە باشقا ياۋروپا ئەللىرىدىن توپلانغان زور ساندىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرى ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى كۆتۈرگىنىچە ب د ت بىناسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا، لاگېرلارنى دەرھال بىكار قىلىشقا، قولغا ئېلىنغان بارلىق بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى شەرتسىز قويۇۋېتىشكە چاقىردى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ 6-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى يۈچېڭ جەنۋەدىكى يىغىندا سۆز قىلغان ھەمدە خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرىنىڭ زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. شۇنىڭدەك لاگېرلار مەسىلىسىدە سۆز قىلىپ: «بەزى دۆلەتلەر قەستەنگە بۇ ئىشلارنى سىياسىي جەھەتتىن بۇرمىلاشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ» دەپ غەرب ئەللىرىنى ئەيىبلىگەن. خىتاي ئۆمىكى تەركىبىدىكى ۋەكىللەردىن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ باشلىقى ياسىن سىدىق «قاراڭلار، ئۆتكەن 21 ئايدا شىنجاڭدا ھېچقانداق تېررورلۇق ۋەقەسى كۆرۈلمىدى. بۇنىڭ سەۋەبى ئىلگىرى تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىك ئىدىيەلىرى بىلەن زەھەرلەنگەنلەر ھازىر تەربىيەلەش ئارقىلىق بۇ ئىدىيەلەردىن خالاس بولدى» دېگەن.

نامايىش مەيدانىدىكى ئۇيغۇرلاردىن د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ ھەقتە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا ۋەھشىيانە زۇلۇم سېلىۋاتقانلىقىغا بولغان غەزەپ-نەپرىتىمىزنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بۇ يەرگە نامايىشقا كەلدۇق» دېگەن. شۇنداقلا ب د ت نىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتا كونكرېت بىرەر ھەرىكەتتە بولۇشىنى تەلەپ قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت