گۇاڭدۇڭ جياڭنەندىكى نامايىش ئۈچ كۈندىن بېرى داۋام قىلماقتا

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013-07-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

گۇاڭدۇڭنىڭ جياڭنەن شەھىرىدىكى ئاھالىلەر جۈمە ۋە شەنبە كۈنىلىرى نامايىش ئۈتكۈزۈپ شەھەردە قۇرۇلماقچى بولغان يادرو ئەسلىھەلىرى فابرىكىسىغا قارشلىق كۆرسەتكەن.

دائىرىلەر شەنبە كۈنى ھۆكۈمەت تور بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ قۇرۇلۇش پىلانىنى ئامما بىلەن مۇزاكىرىلىشىش مۆھلىتىنى يەنە 10 كۈن ئۇزارتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھۆكۈمەتنىڭ بۇ جاۋابىغا رازى بولمىغان نامايىشچىلار يەكشەنبە كۈنى ھۆكۈمەت ئالدىدا قايتا توپلىنىپ، قۇرۇلۇش پىلانىنى تېزدىن ۋە پۈتۈنلەي بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان. نامايىشچىلار يەكشەنبە كۈنى كۆتۈرگەن لوزۇنكىلاردا «بىزگە پەرزەنت كېرەك، ئاتوم كېرەك ئەمەس»، «بىزگە ھايات كېرەك GDP كېرەك ئەمەس» دېگەندەك شوئارلار يېزىلغان.

نامايىشچىلارنىڭ قەتئىي ئىرادىسىدىن چۆچىگەن، مەزكۇر قۇرۇلۇش پىلانلانغان رايوننىڭ مەسئۇللىرى يەكشەنبە كۈنى نامايىشچىلارغا جاۋابەن مەزكۇر تەۋەلىكتە يادرو فابرىكىسى قۇرۇلمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. ئەمما، مەزكۇر قۇرۇلۇش پىلانىنىڭ پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى ياكى ئورنىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن. بۇ ئەھۋال نامايىشچىلارنى داۋاملىق ئەندىشىگە سالغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت