جوۋ يوڭكاڭنىڭ چېرىكلىك دېلوسى ئەدلىيە ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇلغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015-01-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاينىڭ سابىق ج خ مىنىستىرى جوۋ يوڭكاڭ ئۈستىدىن تۇرغۇزۇلغان چېرىكلىك دېلوسى ئەدلىيە ئورگانلىرىغا رەسمىي تاپشۇرۇلغان.

خىتاي مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مۇئاۋىن سېكرېتارى خۇاڭ شۈشيەن 7-يانۋار مەزكۇر ئورگاننىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا يۇقىرىقىلارنى ئاشكارىلىغان.

ئۆتكەن يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى جوۋ يوڭكاڭنىڭ چېرىكلىك جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنىپ، پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

جوۋ يوڭكاڭ خۇ جىنتاۋ ھاكىمىيەت سۈرگەن دەۋرلەردە ج خ مىنىستىرى، سىياسىي قانۇن كومىتېتى رەئىسى قاتارلىق ھوقۇقلارنى تۇتقان ۋە سىياسىي بيۇرو ئەزاسى بولغان ئىدى.

كېيىن بەزى خەۋەرلەردە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى 11 يىل سورىغان ۋاڭ لېچۈەننىڭ يېقىنى ئىكەنلىكى ۋە ئۇيغۇر ئېلى نېفىتلىرىدىن كېلىدىغان كىرىملەرنى بىر مەزگىل كونترول قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، جوۋ يوڭكاڭ خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان 1949-يىلىدىن بۇيان چېرىكلىك ۋە پارىخورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ ئەدلىيە ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇلغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدار ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت